مەنبە : TRT Haber / AA
چارشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 10-كۈنى ….
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش ئارمىيىسى 2-سوراقچى خادىملىرىنى كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلدى دەپ باھانە بېرىپ جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن بۇ مەسىلە توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىراننىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشنى قارار قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بىللىنكېن بايانات بەردى. ئۇلارنىڭ ئىرانغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە داۋاملىق جازا قوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان بىللىنكېن ، ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەنمۇ بۇ خىل قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى سۈرۈشتە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.