مەنبە : TRT Haber
يەكشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
شەرقىي تۈركىستاندا «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلدى» دېگەن ئەيىبلەشلەرگە ئۇچىرىغان خىتاي ئامېرىكا ۋە كانادادىن ئېمبارگو ئارقىلىق ئۆچ ئالدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ دۆلەتلەردىن كەلگەن بىر قىسىم شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ «قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى» نى ئېلان قىلدى.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتىدا ، ئامېرىكا ۋە كانادانىڭ ئالدىنقى ھەپتە بىر تەرەپلىمە جازا يۈرگۈزگەنلىكى ئەسكەرتىلدى.
بۇنىڭغا قارىتا، بۇ دۆلەتلەردىكى بىر قىسىم شەخس ۋە تەشكىلاتلارغا جازا يۈرگۈزۈش قارارى چىقىرىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باياناتتا «بۇ دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن سۆز قوللىنىلدى.
ئامېرىكا خىتاينى ئەيىبلىدى
ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىگە چىدىمىغان خىتاي ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن «ئېمارگۇ»نى قارارى قىلدى. تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىللىنكېن: «خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسىي ئەركىنلىكنى قوغدايدىغانلارنى قورقۇتۇش ۋە جىمىقتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ» دېدى.