مەنبە : Washington / Şarku’l Avsat
يەكشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ئالدىنقى جۈمە كۈنى خىتاي بىلەن غەرب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ، «دېموكراتىك» دۆلەتلەر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرىنىڭ رەقىبى سۈپىتىدە يېڭى بىر ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
پرېزىدېنت بايدىن مۇنداق دېدى: ۋاشىنگتون خىتاينىڭ غەربىي شىمالىدىكى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى سادىر قىلغۇچىلارغا جازا يۈرگۈزدى، خىتاي بۇنىڭغا جاۋابەن غەربنىڭ بىر قىسىم ئەربابلىرىغا جازا يۈرگۈزدى. باش مىنىستىر بورىس جونسون جۈمە كۈنى كەچتە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرىنىڭ رەقىبى سۈپىتىدە يېڭى بىر ئۇل ئەسلىھەگە مەبلەغ سېلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ (AFP) خەۋىرىگە قارىغاندا ، ئامېرىكا پرېزىدېنتى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» تۈرىنى تىلغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانىغا ئوخشاش بىر يېڭى پىلاننى تەشەببۇس قىلىپ غەرىب دۆلەتلىرىنى قوزغىتىپ، ئەتراپتىكى ھەقىقىي ياردەمگە موھتاج دۆلەتلەرگە ياردەم قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ».
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بېيجىڭ رايوندىكى كۈچلەر ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ئەندىشىگە سالىدىغان «بىر بەلۋاغ بىر يول» تەشەببۇسى ئارقىلىق قەرز بېرىش تۈرلىرىنى يولغا قويۇش ئارقىلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردە تەسىر كۈچىنى ئاشۇردى.
بوستون ئۇنۋېرسىتىتى تەييارلىغان يەرشارى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سانلىق مەلۇمات ئامبىرىغا قارىغاندا ، خىتاي 2000-يىلدىن 2018-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا كۆمۈر تۈرىگە تەخمىنەن 57 مىليارد دوللار مەبلەغ سالغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ، باش مىنىستىر جونسون بىلەن پرېزىدېنت بايدېننىڭ تېلېفون سۆھبىتى توغرىسىدا قىلغان باياناتىدا ، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تۈرىگە رەقىب تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش تەكلىپى تىلغا ئېلىنمىدى، ئەمما ئەنگلىيە باش مىنىستىرى ۋە ئامېرىكا پرېزىدېنتى شەرقىي تۈركىستاندىكى «كىشىلىك ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلغۇچىلار» غا جازا يۈرگۈزۈش ئۈچۈن ئەستايىدىل تەدبىر قوللىنىشنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى بايان قىلىندى.
ياۋروپا بىرلەشمىسى، ئەنگىلىيە ، كانادا ۋە ئامېرىكا ئاتالمىش شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىساد ساھەسىدىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارغا جازا يۈرگۈزدى. بۇنىڭغا قارىتا بېيجىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرى ۋە ئەنگىلىيەنىڭ بەزى ئىسىملىرىغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدىكى دوكلاتلارغا ماس قەدەمدە تەدبىر قوللىنىپ جازا يۈرگۈزدى.
بېيجىڭ ئاتالمىش شىنجاڭ ۋەزىيىتىنىڭ «دۆلەت ئىچىدىكى مەسىلە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگىنىدەك ، ئالدىنقى جۈمە كۈنى ئەنگىلىيەدىن كەلگەن توققۇز كىشى ۋە تۆت تەشكىلاتقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلارغا مۇئامىلە قىلىش توغرىسىدا «يالغانچىلىق ۋە خام خىيال» تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينى ئاتالمىش شىنجاڭ ئاپتونوم رايونىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش لاگېرلىرىدا بىر مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن ئەيىبلىدى. يەنە بىر تەرەپتىن ، خىتاي بۇ ئەيىبلەشلەرنى قەتئىي رەت قىلدى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا ، بېيجىڭ لاگېرلارنىڭ «كەسپىي تەربىيىلەش مەركىزى» ئىكەنلىكىنى ، بۇنىڭدا «نوپۇسنى دىنىي رادىكاللىق ۋە بۆلگۈنچىلىكتىن يىراقلاشتۇرۇشنى» مەقسەت قىلىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.