مەنبە : Mepa News
دۈشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى
تۈركىيە تەرەپتىن تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزلگەن PKK نىڭ سۈرىيە تەشكىلاتى بولغان YPG قىسىملىرى دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى El Hol لاگېرىدا ھەرىكەت ئېلىپ باردى.
دائىش ئەزالىرىنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى تۇرغان «ھول» لاگېرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن، ئامېرىكا قوللىغان YPG قىسىملىرى لاگېر ئىچىدە ھەرىكەت باشلىدى.
ھەپتە ئاخىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردىن كېيىن ھەرىكەت ئېلىپ بارغان YPG قىسىملىرى «ئى ش ئى د» بىلەن مۇناسىۋىتى بار دەپ دەۋا قىلغان 9 ئادەمنى قولغا ئالدى.
ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق سۈرىيە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا ، بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ «ھول» لاگېرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە كەم دېگەندە 41 ئادەم قازا قىلغان.
ئىگىلىنىشچە، يەكشەنبە كۈنى كەچتە YPG 5000 ئەزاسىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن يولغا قويۇلغان ھەرىكىتى يەنىلا داۋاملاشماقتا.
مەلۇم بولۇشىچە ، «ھول» لاگېرىدا 60 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم قامالغان.