مەنبە : Taipei/Şarku’l Avsat
سەيشەنبە، 2021-يىلى 3-ئاينىڭ 30-كۈنى
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى 29- چىسلا ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 خىتاي ھەربىي ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە پەرقلەندۈرۈش رايونى (ADIZ) غا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا يەنە «تەيۋەن ھاۋا ئارمىيىسى ھۇجۇمنى نازارەت قىلىش ئۈچۈن باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇردى» دېيىلدى، خىتاي ھەربىي ئايروپىلانى رادىئو ئارقىلىق ئاگاھلاندۇرۇلدى.
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، مىنىستىرلىق ھەر تۆت يىلدا بىر قېتىم ئېلان قىلدىغان مۇداپىئە دوكلاتىدا، خىتاينىڭ «كۈلرەڭ رايون» دا ئۇرۇش تاكتىكىسىنى يولغا قويۇپ ، تەلەپ قىلغان ئارالنى بويسۇندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى ۋە تەيۋەننى يېقىن ئەتراپتا قايتا-قايتا ھاۋا بوشلۇقى ۋە دېڭىز مانېۋىر بىلەن قورقاتماقچى بولۇۋاتقانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
خىتاينىڭ تەيۋەننىڭ ئاساسلىق پورتلىرى ۋە دېڭىز يولىنى قىسمەن تاقىۋېتەلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان دوكلاتتا، يىراق مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق چەتئەل كۈچلىرىنىڭ تەيۋەنگە ياردەم بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسەت قىلىنغانلىقى كۆرسىتىلدى.
دوكلاتتا يەنە «خىتاي ئارمىيىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش» نى ئوتتۇرىغا قويدى.