مەنبە: Mepa News
2021-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى شەنبە،
ئىگىلىنىشىچە ، روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىدا ھەربىي كۈچىيىشى بىلەن رايوندىكى جىددىيلىك كۈچىيىۋاتقان بىر مەزگىدە ئامېرىكنىڭ 2 ئۇرۇش پاراخوتىنى قارا دېڭىزغا كىرگەن.
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ يېقىنقى باياناتىدا ، ئامېرىكىنىڭ بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە قارا دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
ئامېرىكىنىڭ قارا دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشتىكى مەقسىتىنىڭ ئۇكرائىنا تەرەپتە تۇرغانلىقىنى كۆرسىتىش ۋە بۇ مەسىلىدە روسىيەگە ئېنىق ئۇچۇر بېرىش ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
مونترېكىس شەرتنامىسى بويىچە ئامېرىكا قارا دېڭىزغا ئۇرۇش پاراخوتى ئەۋەتىشىتىن 14 كۈن بۇرۇن، تۈركىيەگە ئۇقتۇرۇش قىلىشى كېرەك ئىكەن.
رېيتېر ئاگېنتلىقى تەمىنلىگەن تۇنجى دوكلاتتا ، ئامېرىكىنىڭ تۈركىيە دائىرىلىرىگە ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ قارا دېڭىزغا ئۆتۈشى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەنلىكى بايان قىلىنغان.
روسىيەدىن قارشىلىق
روسىيە قارا دېڭىزدىكى ھەربىي پائالىيەتلەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. روسىيەنىڭ قارا دېڭىزدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى توغرىسىدىكى مەنبەلەردە: «بۇ ھەربىي ھەرىكەتلەر مونترېكىس ئەھدىنامىسى بىلەن بىردەك بولۇشى كېرەك» دېدى.