خىتاي پاراخوتلىرى بۇ يىل 13-قېتىم ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى

مەنبە:  trthaber /  AA

2021-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سەيشەنبە

خىتاي بايرىقى ئاستىدىكى پاراخوتلار سېنكاكۇ ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە بۇ يىل 13-قېتىم كىردى.

دۆلەتنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئوكىناۋا ئۆلكىسىنىڭ ناخا رايونىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ ئىككى پاراخوتى دۆلەت زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن.

شۇ يەر ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 2:30 ئەتراپىدا تالاش-تارتىش قوزغىغان سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدا، خىتاي پاراخوتلىرى تەيشو-جىما ئېدا ئەتراپىدىكى ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

خىتاي پاراخوتلىرى بۇ يىل 13-قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى ئۇلارغا يېقىنلىشىپ بۇ يەردىن ئايرىلىشقا ئاگاھلاندۇردى.

قورال ئىشلىتىش ھوقۇقى

بۇ قانۇن 2-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتايدا يولغا قويۇلغان بولۇپ ، ئۆزىنىڭ دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىگە قائىدىگە بويسۇنمايدىغان چەتئەل پاراخوتلىرىغا قارشى قورال ئىشلىتىشكە ھوقۇق بېرىلگەن.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، بۇ قانۇن خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلىنى ئايلىنىپ يۈرگەن ياپون پاراخوتلىرىنى نىشانلىشىغا ھوقۇق بەرگەن.

ياپونىيە «سېنكاكۇ» ، خىتاينى «دياۋيۈ» دەپ ئاتايدىغان شەرقىي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللار 5 ئارال ۋە 3 قىيادىن تەركىب تاپقان.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top