مەنبە: Mepa News
2021-يىل 4-ئاينىڭ 13-كۈنى، سەيشەنبە
تالىبان باياناتچىسى مۇھەممەد نايىم ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى.
«تولو خەۋەرلىرى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە ، تالىباننىڭ سىياسىي باياناتچىسى مۇھەممەد نايىم 16-ئاپرېل تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشقا تەييار ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.
تالىبان تەرەپ ئىلگىرىكى باياناتىدا ، ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدىغان باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ، ئامېرىكىنىڭ دوھا كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىنى چوقۇم ئادا قىلىشى كېرەكلىكىنى ، ھەمدە ئىمزالانغان كېلىشىمگە ئاساسەن ، ئامېرىكا ئەسكەرلىرىنىڭ 5-ئايغىچە ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تالىبان مەنبەلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باياناتىدا ، ئىستانبۇل باشلىقلار يىغىنىنىڭ كۈن تەرتىپىنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
«سۆھبەت 1 ھەپتە كېچىكتۈرۈلدى»
يەنە بىر تەرەپتىن ، تالىباننىڭ يىغىنغا قاتماشمايدىغانلىقى سەۋەبىدىن تۈركىيەدە 16-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان باشلىقلار يىغىنى بىر ھەپتە كېچىكتۈرۈلدى.