مەنبە: Mepa News / Euronews
2021-يىل 4-ئاينىڭ 20-كۈنى، سەيشەنبە،
ياۋروپا بىرلەشمىسىنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەكىلى جوسېپ بوررېل ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئاخباراتقا روسىيەنىڭ ئۇكرائىنا چېگراسىغا 150 مىڭ ئەسكەر توپلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
روسىيەنىڭ بۇ رايوندا ھازىرغىچە ئورۇنلاشتۇرغان ئەسكەر سانىدىن پەۋقۇلادە كۆپ ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇ بىريۇسسېلدىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە ، بوررېل 150 مىڭ كىشىلىك ئارمىيە توغرىسىدا بۇ ساننىڭ قايسى مەنبەدىن ئېلىنغانلىقىنى چۈشەندۈرمىگەن ۋە مىنىستىرلارنىڭ بۈگۈنكى يىغىندا بۇ مەسىلىلەرنى تەپسىلىي مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە مۇنداق دېدى:
“روسىيە ھەر خىل ھەربىي بۇيۇملار ۋە ماشىنىلارنى چېگراغا توشۇۋاتىدۇ. بىز كۆچمە دوختۇرخانىلاردىن ئۈسكۈنىلەرگە قارشى ئىنتايىن ئېغىر ھەرىكەتنى كۆرۈۋاتىمىز. ئېنىقكى بۇ كىشىنى چۆچۈتىدۇ. بۇنداق كۆپ ساندىكى ئەسكەرنى بىر يەرگە توپلىغاندا ، ئۇچقۇن ئېھتىماللىقى يۇقىرى ».
ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭمۇ يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغانلىقى ۋە ئۇنىڭدىن ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بايان قىلغان بوررېل روسىيەنى جىددىيلىكنى پەسەيتىشكە چاقىردى ۋە «بىز ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوللايمىز ، روسىيەنىڭ ھۆرمەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېدى.