مەنبە: trthaber / Mepa News / AA
2021-يىل 4-ئاينىڭ 22-كۈنى، پەيشەنبە،
پاكىستان تالىبان ھەركىتى (TTP) بالۇچىستاننىڭ مەركىزى كۇئېتتادىكى پاكىستان ئەمەلدارلىرى ئورۇنلاشقان بىر مېھمانخانىغا بومبا ھۇجۇم قىلدى.
يەرلىك مەنبەلەر تەمىنلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ، ھۇجۇم تۈنۈگۈن كەچتە يۈز بەرگەن.
كۇئېتتا شەھىرىدىكى بەش يۇلتۇزلۇق سېرېنا مېھمانخانىسى ھۇجۇمدا بومبا قاچىلانغان ماشىنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. شەھەرنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان بۇ مېھمانساراي يەنە بالۇچىستان رايونلۇق كېڭىشى ۋە باشقا ھۆكۈمەت مەركىزىگە قوشنا.
ھۇجۇم يۈز بەرگەن جاينىڭ ئورنى:
خىتاينىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى نوڭ روڭمۇ ھۇجۇم جەريانىدا نۇرغۇن پاكىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن بىللە مېھمانخانىدا بىللە ئىكەن. ئىگىلىنىشچە ، روڭ ھۇجۇمدىن ساق-سالامەت قۇتۇلۇپ قالغان.
پاكىستان ئەمەلدارلىرى ھۇجۇمدا 5 كىشىنىڭ ئۆلگنلىكى ، 12 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
پاكىستان تالىبان ھەركىتى ھۇجۇمنى ئۈستىگە ئالدى
پاكىستان تالىبانلىرى باياناتچىسى مۇھەممەد خوراسانىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا قىلغان باياناتىدا ، ھۇجۇمنىڭ بومبا قاچىلانغان ماشىنا بىلەن ئېلىپ بېرىلغانلىقى بايان قىلىنغان.
خوراسانى پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ نۇرغۇن مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ھۇجۇمدا قازا قىلغانلىقىنى ۋە يارىلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
كۇئېتتاغا قىلىنغان ھۇجۇم TTP يېقىندا ئۇيۇشتۇرۇلغان تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ھۇجۇم سۈپىتىدە خاتىرىلەنگەن.