مەنبە: Mepa News
2021-يىل 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، شەنبە،
تۈركىيە پاكىستان بىلەن كابۇل ھاكىمىيىتىنىڭ ئافغانىستاندا تارقاتقان بىرلەشمە باياناتىدا، تالىبانلارنىڭ يارىشىش ۋە سۆھبەتلىشىشتىكى ئومۇمىي ۋەدىسىگە ئەمەل قىلشقا چاقىردى.
بىرلەشمە بايانات تالىباننىڭ ئىستانبۇلدا پىلانلانغان ئافغانىستان تىنچلىق مۇساپىسى يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىن ئېلان قىلىندى.
ئامېرىكا قوللىغان تىنچلىق مۇساپىسى دائىرىسىدە ئىستانبۇلدا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى ، ئەمما تالىبان تەرەپ «ئامېرىكىنىڭ دوھا كېلىشىمىدىكى ۋەدىسىنى ئورۇندىمىغانلىقى» شۇڭا باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى .
2020-يىلى 2-ئايدا تالىبان بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان دوھا كېلىشىمىگە ئاساسەن ، ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل كۈچلىرى 2021-يىلى مايغىچە ئافغانىستاندىن ئايرىلىشى كېرەك.
قانداقلا بولمىسۇن ، ئامېرىكا تەرەپ بۇنىڭدىن بۇرۇن كېلىشىم شەرتنى ئورۇندىمايدىغانلىقىنى ، چېكىنىشنىڭ كەلگۈسى بىر كۈن بولغان 11-سېنتەبىرگە كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تالىبانلار ئامېرىكا ۋە باشقا چەتئەل كۈچلىرى دۆلەتتىن چېكىنمىگۈچە ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسى توغرىسىدىكى يىغىنلارغا قاتناشماسلىقنى قارار قىلدى.