مەنبە: Mepa News
2021-يىل 5-ئاينىڭ 11-كۈنى، سەيشەنبە،
ئىراننىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى يېڭى خەۋەرلەرنى دەلىللىدى.
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سەيىد خاتىبزادەنىڭ باياناتىدا تۆۋەندىكى بايانلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى:
«پارس قولتۇقى رايونىدىكى ئىككى مۇسۇلمان دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى ئازايتىش ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ رايونغا پايدىلىق».
خاتىبزادە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ھەل قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ھەمدە بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىراق پرېزىدېنتى بېرخېم سالىخ ئالدىنقى ھەپتە بېيرۇت ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنىڭ داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
خاتىبزادەنىڭ باياناتى بىلەن ئىران بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەت ھەققىدىكى ئۇچۇرلار دەلىللەندى.