مەنبە: AA / trthaber
2021-يىل 5-ئاينىڭ 17-كۈنى، دۈشەنبە،
ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى ئۈچىنچى قېتىم يىغىن چاقىرىپ، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھاۋا ھۇجۇمىنى مۇزاكىرە قىلدى.
مايدا ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خىتاينىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ئىسرائىلىيە-پەلەستىن جىددىيلىكىنىڭ خەتەرلىك دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ، خەلقئارا جەمئىيەتنى دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشكە چاقىردى.
خىتاينىڭ پۇقرالارغا قارىتىلغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋاڭ ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىنگە ئۇرۇش توختىتىش ۋە زوراۋانلىقنى ئاۋۋال ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بىز ئامېرىكىنى ئادىل پوزىتسىيەدە بولۇشقا چاقىرىمىز
ئامېرىكىنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىش تىرىشچانلىقىغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ ، ۋاڭ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكىنى ئادىل ھەرىكەت قىلىشقا ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا چاقىرىمىز. ئامېرىكا خەلقئارا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كېڭىشىنى قوللىشى كېرەك. جەمئىيەت جىددىيلىكنى پەسەيتىش ، ئىشەنچ ۋە سىياسىي ھەل قىلىش چارىسى ئورنىتىدۇ ».