مەنبە: Şarkul Avsat
2021-يىل 5-ئاينىڭ 24-كۈنى، دۈشەنبە،
سېررالېئوننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى تەبىئىتى ۋە مول جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى بىلەن داڭلىق.
تەبىئىيلىكى بىلەن داڭلىق سېررالېئوننىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدا خىتاي 55 مىليون دوللارلىق بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالىدى بۇ ئەھۋال مۇھىت ئاسرىغۇچىلارنى چۆچۈتتى ۋە خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى پائالىيىتى توغرىسىدىكى مۇلاھىزىلەرنى قايتىدىن كۈن تەرتىپىگە قايتۇردى.
خىتاي سېررالېئونغا 55 مىليون دوللار بەرگەنلىكى ۋە 100 گېكتارلىق بىر رايوندا يامغۇرلۇق ئورمىنى ۋە قول تەگمىگەن دېڭىز ساھىلى بىلەن بېلىقچىلىق پورتى قۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. يەرلىك كىشىلەر بۇ پىلاننى پەقەت رايوندىكى يەرلەرگە مۇناسىۋەتلىك سودا توختىتىلغاندىلا ئاڭلىغانلىقىنى ۋە بۇ تۈرنىڭ مەخپىي ساقلانغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېررالېئون بېلىقچىلىق ۋە دېڭىز-ئوكيان بايلىقلىرى مىنىستىرى ئېمما كوۋا-جاللوھ تەلەپ قىلىنغاندەك دېڭىز مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى قۇرۇلمايدىغانلىقىنى ۋە قۇرۇلماقچى بولغان پورتنىڭ مۇھىتقا زىيان يەتكۈزمەيدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇزۇندىن بۇيان بۇنداق پىلاننىڭ بارلىقىنى ، ئەمما زور مىقداردا پۇل تەلەپ قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇ تۈرنىڭ يولغا قويۇلمىغانلىقىنى تىلغا ئالغان مىنىستىر مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەتنىڭ بېلىقچىلىق كەسپىنى يېڭىلاش سىياسىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى 55 مىليون دوللار بەردى».
سېررالېئون پرېزىدېنتى جۇلىيۇس مادا بىيو بۇ قۇرۇلۇشنىڭ خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. خىتاينىڭ بۇ پۇلنى قانداق شارائىتتا بەرگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق بايانات يوق.
مۇھىت ئاسراش تەشكىلاتلىرى ۋە يەرلىك كىشىلەر ئىنكاس قايتۇرىدۇ
مۇھىت ئاسرىغۇچىلار ، ھايۋاناتلار ھوقۇقىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلار ۋە يەرلىك گۇرۇپپىلار بۇ تۈرنىڭ يامغۇرلۇق ئورمىنىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى ، دېڭىزلارنى بۇلغايدىغانلىقىنى ۋە بېلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ پىلاننىڭ جامائەت مەنپەئەتىگە خىلاپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ ، بىر قىسىم تەشكىلاتلار بېلىقچىلىق ۋە تاشلاندۇقلارنى باشقۇرۇش مەشغۇلاتىنى خىتاي مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشنى تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
يېشىل تىنچلىق تەشكىلاتى بۇ تۈرگە قارشى تۇرۇپ ، كېلىمات ۋە مۇھىت كرىزىسىنىڭ تەسىرىنى ھېس قىلىۋاتقان غەربىي ئافرىقىدىكى بېلىقچىلىق مەھەللىلىرىنى تېخىمۇ قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
سېررالېئوننىڭ غەربىدىكى قارا جونسون دېڭىز قىرغىقى بېلىق تۇتۇشتىكى مۇھىم رايون ، ئەتراپتىكى ئورمانلاردا نۇرغۇنلىغان يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ھايۋانلار ياشايدۇ.
بۇ تۈر خىتاينىڭ ئافرىقىدىكى ئەڭ يېڭى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، دۇنيانىڭ تەرەققىي قىلمىغان رايونلىرىغا سالغان مەبلىغى بىلەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. قەرز دىپلوماتىيىسى بىلەن بەزى دۆلەتلەردە تەسىر دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە ئۇرۇنغانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەنگەن خىتاي يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نۇرغۇن ئافرىقا دۆلەتلىرىدىكى مۇھىم ئۇل ئەسلىھە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىيات تۈرلىرىگە قاتناشتى.
بۇ دۆلەتنىڭ ئافرىقىدىكى كان ۋە نېفىتلىكلەرگە سالغان مەبلىغى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.