مەنبە: Mepa News
2021-يىل 5-ئاينىڭ 25-كۈنى، سەيشەنبە،
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى (بەشبۇرجەكلىك بىنا) پاكىستان ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا تېرتورىيىسىدىن پايدىلىنىپ ئافغانىستانغا كىرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەشبۇرجەكلىك بىنادا ، ھىندىستان تىنچ ئوكيان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ مۇئاۋىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى داۋىد ف.ھېلۋېي ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى قوراللىق مۇلازىمەت كومىتېتىغا ئامېرىكىنىڭ پاكىستان بىلەن بۇ رايوندا داۋاملىق ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
پاكىستاننىڭ ئافغانىستاندا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى ۋە ئامېرىكىنى ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئافغانىستانغا كىرىشىگە يول قويغانلىقىنى بايان قىلغان داۋىد ف.ھېلۋېي پاكىستاننىڭ تۆھپىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
بەشبۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: پاكىستان ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن شۇنداقلا قۇرۇقلۇقتىن پايدىلىنىشىغا يول قويىدۇ. شۇنداق بولغاندا ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى قىسىملىرىغا كېرەكلىك پۇل تېجەيدۇ.
ئامېرىكا پاكىستان ئارقىلىق ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكا ئارمىيىسى ماشىنىلىرى ، ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئەسكەرلىرى پاكىستاننىڭ يوللىرى ئارقىلىق پاكىستاننىڭ ھىندى ئوكياندىكى پورتلىرىدىن ئافغانىستانغا ئەۋەتىلىدۇ.
دېڭىز بىلەن چېگراسى يوق ئافغانىستاندا ، پاكىستان ئامېرىكىنىڭ 2001-يىلدىكى تاجاۋۇزچىلىقىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تەمىنلەش لىنىيىسى رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە ، پاكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن ئافغانىستاندىكى ھەربىي ئىشغالىيەتتە داۋاملىق ھەمكارلىشىۋاتقانلىقى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.