مەنبە: Euronews / Mepa News / K24
2021-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى ، دۈشەنبە
قاتار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مۇھەممەد بىن ئابدۇراخمان ئەل سانى ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق ئەل ئەرەبى تېلېۋىزىيە قانىلىغا مۇنداق دېدى: «بىز ھازىرغىچە سۈرىيە خەلقى ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ سىياسىي ھەل قىلىش چارىسىنىڭ ئالامەتلىرىنى كۆرمىدۇق، ھاكىمىيەتنىڭ ئۇسۇلى ۋە ھەرىكىتى ئۆزگەرمىدى».
ئەل سانى مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر سۈرىيە ھاكىمىيىتى بىلەن قايتىدىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشىمىزغا ھېچقانداق سەۋەب يوق» ۋە ئۇ بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
قاتار سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئوخشاش سۈرىيىدە ئون يىل داۋاملاشقان ئىچكى ئۇرۇشتا بەششار ئەسەد ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچىلەرنى قوللىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى بەششار ئەسەد دۆلەتنىڭ كۆپ قىسىم كونتروللۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەندىن كېيىن ، مۇناسىۋەتنى نورماللاشتۇرۇشنى تاللىدى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدا دەمەشىقتىكى كونسولخانىسىنى قايتىدىن ئاچتى.
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ سۈرىيىدە ۋاكالەتچىسى بار. دەمەشىق بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كېلىۋاتقان ئاز ساندىكى ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان ئومانمۇ 2020-يىلى باش ئەلچى ئەۋەتكەن.