مەنبە: Mepa News
2021-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، دۈشەنبە
ئىراق پرېزىدېنتلىقى تۈنۈگۈن باياناتىدا تۈركىيەنى ئىراقنىڭ شىمالىدىن چېكىنىشكە چاقىردى.
باياناتتا، تۈركىيەنىڭ مەھمۇردا PKK غا قارىتىلغان ھاۋا ھۇجۇمى ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ئىراقنىڭ شىمالىدىن چېكىنىشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
باغدات ئېلان قىلغان باياناتىدا ، تۈركىيەنىڭ ھۇجۇملىرى ۋە ئۇنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ئىراقنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ، شۇنداقلا خەلقئارا قائىدە ۋە كېلىشىملەرگە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ بۇ رايوندىكى ئىراق پۇقرالىرىنىڭ ھاياتىغا خەتەر ئېلىپ كەلگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
ئىراق پرېزىدېنتى تۈركىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ئورتاق مەنپەئەتنى ئاساس قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ، چېگرا مەسىلىسى ۋە بىخەتەرلىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىر تەرەپلىمە قىلمىشلارنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە ئۇزۇندىن بۇيان ئىراقنىڭ شىمالىدىكى PKK نىشانلىرىغا ھۇجۇم قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئىراق بۇ ھۇجۇملارنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.