خىتايدا پارتىلاش: 12 ئادەم ئۆلدى

مەنبە: Mepa News

2021-يىلى 6- ئاينىڭ 14- كۈنى، دۈشەنبە

13- چىسلا خىتايدا يۈز بەرگەن تەبىئىي گاز پارتىلاشتا 12 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 140 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى بايان قىلىنغان.

ئىگىلىنىشچە ، ئۆلگەنلەر سانىنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشى مۇمكىن ئىكەن.

يەرلىك مەنبەلەرگە قارىغاندا ، خىتاينىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شىئەن شەھىرىنىڭ جاڭۋان رايونىدا يۈز بەرگەن تەبىئىي گاز پارتىلاش نەتىجىسىدە 12 ئادەم ئۆلگەن، 140 ئادەم يارىلانغان ، ئۇلارنىڭ 37 نەپىرى ئېغىر.

ئىگىلىنىشچە ، پارتلاشنىڭ سەۋەبى تېخى ئېنىق ئەمەس ، تەكشۈرۈش داۋاملاشماقتا.

Leave a Comment

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Scroll to Top