مەنبە: euronews
2021-يىلى 6- ئاينىڭ 15- كۈنى، سەيشەنبە
گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانگېلا مېركېل ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: پەقەت بېيجىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغاندىلا ، ياۋروپا بىرلەشمىسى خىتاي بىلەن بولغان مەبلەغ سېلىش كېلىشىمىنى تەستىقلايدۇ.
مېركېل مۇنداق دېدى: بىزنىڭ مەقسىتىمىز خىتايدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش.
مېركېل بۇ كېلىشىمنىڭ ئاساسلىق قوللىغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ، بۇ كېلىشىم ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە ياۋروپا كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكى مەزگىلىدە ئىمزالانغان.
كېلىشىمدە، بېيجىڭ ئەمگەكچىلەرنى قوغدايدىغان ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك قىلىشنى چەكلەيدىغان بىر قانچە خەلقئارا ئەمگەك تەشكىلاتى (ILO) قائىدىسىنى ماقۇللاش ئۈچۈن «توختىماي تىرىشىش» قا ۋەدە بەردى.
مېركېل كورنۋالدىكى G7 باشلىقلار يىغىنىدا نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە سېلىشتۇرغاندا ILO قائىدىسىنى يولغا قويۇشتا ئىلگىرىلەش بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
G-7 رەھبەرلىرى خىتاينى شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.
ياۋروپا-خىتاي كېلىشىمى توختاپ قالدى
ياۋروپا پارلامېنتى بېيجىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزالىرىغا قاراتقان جازاسىنى ساقلاپ قالسىلا ، ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا ئىمزالانغان ياۋروپا-خىتاي كېلىشىمىنى تەستىقلىماسلىققا ۋەدە بەردى.
مېركېل مۇنداق دېدى: «يولغا قويۇلغان جازا سەۋەبىدىن ، تەستىق ھازىر بىر ئاز قىيىن مەسىلە. شۇڭا بىزنىڭ تەستىقلاشقا يەنە بىر ئاز ۋاقتىمىز بار».
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى «1 مىليونغا يېقىن ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تۇتۇپ تۇرۇش ۋە ئۇلارنى ئەرزان ئەمگەك كۈچىنىڭ مەنبەسى سۈپىتىدە ئىشلىتىش» بىلەن ئەيىبلەندى.
ئەنگىلىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن G-7 باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئاخىرقى خىتابنامىسىدە ، رەھبەرلەر خىتاينى ئۇيغۇر ۋە ئاز سانلىق مىللەتلىرى ياشايدىغان شياڭگاڭ ۋە شىنجاڭدىكى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى.