مەنبە: Mepa News
2021-يىلى 6- ئاينىڭ 29- كۈنى،سەيشەنبە
ئامېرىكا سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىگە زەربە بەرگەندىن كېيىن ، شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئۆزلىرىنىڭ دىر زور ئەتراپىدىكى ئامېرىكا بازىسىغا 8 راكېتامىيوت بىلەن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ۋە ئىراقتىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنىڭ كۈچەيگەنلىكى كۆزىتىلدى.
ئىراننى قوللايدىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرى باياناتىدا سۈرىيەنىڭ شەرقىدىكى دەير ئەززور شەھىرىگە يېقىن ئۆمەر نېفىتلىكىنىڭ يېنىغا جايلاشقان ئامېرىكا ھەربىي بازىسىنى 8 راكېتا بىلەن ئۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ رايون PKK نىڭ سۈرىيە قارمىقىدىكى PKK قىسىملىرى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ. مەلۇمكى ، ئامېرىكا بىلەن YPG بۇ رايوندا بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىدۇ.
مۆلچەرلىنىشىچە ، بۇ ھۇجۇم ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى شىئە قوراللىق كۈچلىرىگە قارشى ئېلىپ بارغان ھەرىكىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان.
ئامېرىكا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ئۆمەر نېفىتلىكىنىڭ يېنىدىكى بازا نۇقتىسىغا يېقىن جايدا ، سۈرىيە-ئىراق چېگراسى ۋە ئىراقنىڭ ئىچىدە شىئە خەلق ئەسكەرلىرىگە زەربە بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە ، سۈرىيەنىڭ شەرقىدە بىر مەزگىل دائىشقا قارشى ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامېرىكا ۋە ئىران قوللىغان شىئە قوراللىق كۈچلىرى دائىشنىڭ بۇ رايوندىكى مەۋجۇتلۇقى ئاساسەن يوقالغاندىن كېيىن ، تەسىر كۆرسىتىش كۈرىشىگە ئۆتتى.