مەنبە: Mepa News
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 04- كۈنى، يەكشەنبە
ئىگىلىنىشچە ، ئافغانىستاننىڭ شىمالىدىكى مازار شەرىف شەھىرىدىكى نۇرغۇن كونسۇلخانا بىنالىرى تاقالغان بولۇپ، شەھەردىكى دىپلوماتىك ۋەزىپىلەر پايتەخت كابۇلغا يۆتكەلدى.
مازار شەرىف ئافغانىستاندىكى كابۇلدىن قالسىلا ئىككىنچى مۇھىم دىپلوماتىك شەھەر ھېساپلىناتتى.
رايون دائىرىلىرىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈركىيە، پاكىستان ۋە ئىران مازار شەرىفتىكى كونسۇلخانىلىرىنى تاقىۋەتكەن.
تالىبانلارنىڭ تەسىرى كۈندىن كۈنگە كۈچەيدى
يەنە بىر تەرەپتىن قازاقىستان تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستانمۇ ئافغانىستانلىقلارغا ۋىزا بېرىش مۇساپىسىگە چەكلىمە قويدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، بۇ دۆلەتتىكى ئۇرۇش يېقىنقى مەزگىلدە كەسكىنلىشىپ ، شىمالىي ۋىلايەت شەھەرلەردە تالىبانلارنىڭ تەسىرى كۈچەيگەن.
تالىبانلار چەتئەل كۈچلىرى دۆلەتتىن چېكىنگەندىن كېيىن دىپلوماتىك ۋەزىپىلەرنى تولۇق قوغدايدىغانلىقىنى ، ھېچقانداق بىر دۆلەتنىڭ دىپلوماتىيىدىن ئايرىلىشىنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى بايان قىلغان.