مەنبە: TRT Haber
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 05- كۈنى، دۈشەنبە
شەخسى مەلۇمات ئوغۇرلاش بىلەن داڭ چىقارغان خىتاي «شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش»نى باھانە قىلىپ بەزى كۆچمە قوللىنىشچان پروگراممىلار چەكلەنگەن. شۇنىڭ قاتارىدىن غايەت زور تاكسى ھەمبەھىرلەش پروگراممىسىغا ئوخشىغان بىر قىسىم تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىلتىماسى چەكلەنگەن. بۇنىڭ سەۋەبى شىركەتلەرنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە خىلاپلىق قىلغانلىقىدا ئىكەن.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دۆلەت ئىچىدىكى تېخنىكا ماگناتلىرىغا بولغان بېسىمىنى ئاشۇرۇۋاتىدۇ. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىك ئورگىنى ئۈچ ئايرىم ئەپنى سېتىشتىن چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلدى.
بۇ ئورگان شىركەتلەرنىڭ ئابونتلارنىڭ شەخسىي مەخپىيەتلىكىگە دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈلگەن قارارغا ئاساسەن، شىركەتلەر پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان بولۇپ، ئۇلار يېڭى ئابونتلارنى تىزىمغا ئالدۇرالمايدۇ.
تور بىخەتەرلىك ئورگىنى چەكلەنگەن شىركەتلەردىن شەخسىي مەخپىيەتلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىدىغان ئەپلەرنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.
ئەگەر شىركەتلەر بۇ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى توختاتسا ، ئۇلارنىڭ خىتاي بازىرىغا قايتىپ كېلەلەيدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئۇلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار
گەرچە ئابونتلارنىڭ مەخپىيەتلىكى بۇ قارارنىڭ سەۋەبى دەپ ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ ، چەكلەنگەن شىركەتلەرنىڭ كۆرۈنەرلىك ئالاھىدىلىكى بار بولۇپ بۇ ئۈچ شىركەت يېقىندا ئامېرىكا ئاكسىيە بىرژىسىدا ئاممىغا سۇنۇلغان شىركەتلەرنىڭ ئىچىدە يەر ئالغان.
ئالدىنقى ھەپتە نيۇ-يورك پاي بازىرىدا پېيى بازارغا سېلىنغان «دىدى» يېقىنقى 4 مىليارد 500 مىليون دوللار بىلەن ئەڭ چوڭ باھاغا ئايلاندى.
چەكلەنگەن باشقا قوللىنىشچان پروگراممىلار يەنە ئورتاق يۈك ماشىنىسى ۋە مەۋھۇم سۇپا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كەڭ ئابونتلار سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئىگە بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىدا ئاشكارا تارقىتىلىشىنى قوللىمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.