مەنبە: cnn / trthaber
2021-يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى، شەنبە
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى تىنچ ئوكياندىكى مانېۋىر ئۈچۈن ئىككى F-22 تىپلىق كۈرەشچى ئايروپىلان قىلىپ ئەۋەتتى. ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ مانېۋىرغا 25 رېئاكتىپ ئايروپىلان ئەۋەتكەنلىكىنى سۈركۈلۈش كۈچىيىۋاتقان «خىتايغا ئۇچۇر بەرمەكچى» دەپ ئىزاھلانغان.
ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى «تىنچ ئوكيان تۆمۈر ھەرىكىتى 2021» ناملىق مانېۋىرغا قاتنىشى ئۈچۈن 25 دانە F-22 تىپلىق رېئاكتىپ كۈرۈشچى ئايروپىلان ئەۋەتتى.
ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتى «خىتاينى قورقۇتۇش» ئۈچۈن دەپ ئىزاھلىنىدى.
ھاۋايدىكى مۇداپىئە ئانالىزچىسى كارل شۇستېر مۇنداق دېدى: مۇناسىۋەت جىددىي بولۇۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكىنىڭ F-22 تىپلىق ئايروپىلاننى تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى نۇقتىلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش خىتايغا جىددىي ئۇچۇر بېرىدۇ.
F-22 تىپلىق ئايروپىلاننى گۇئام ۋە تىنيەن ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ
بۇ ھەپتە ، ھاۋاي ھاۋا ئارمىيىسى قوغدىنىش ئەترىتى ۋە ئالياسكا شتاتىدىكى بىرلەشمە ئېلمېندورف-رىچاردسون بازىسىدىن تەخمىنەن 25 دانە F-22 تىپلىق ئايروپىلان 2021-يىلدىكى تىنچ ئوكيان تۆمۈر ھەرىكىتى ئۈچۈن گۇئام ۋە تىنيەن ئارىلىغا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ.
تېنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى گېنېرال كېن ۋىلسباخ مۇنداق دېدى: «بىز ئەزەلدىن تىنچ ئوكيان ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ھەرىكەت رايونىغا شۇنچە كۆپ رەپتورنى ئورۇنلاشتۇرمىدۇق».
F-22 تىپلىق ئايروپىلان دۇنيادىكى ئەڭ ئىلغار بەشىنچى ئەۋلاد كۈرەشچى ئايروپىلان دەپ ئاتالغان بۇ ئايروپىلانلارنىڭ راداردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىقتىدارى سەپلەنگەنلىكى ئۈچۈن «ئەرۋاھ»دەممۇ سۈپەتلىنىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ فىلوتىدا ھازىر تەخمىنەن 180دانە F-22s بار.