2021- يىل 9- ئاينىڭ 7- كۈنى، سەيشەنبە…..
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى: دۇنيادا يادرو ۋە ئىلغار قوراللار كۆپىيىۋاتىدۇ، دۇنيا تېزلىكتە مۆلچەرلىگۈسىز، رىقابەت كۈچىگە ۋە خەتەرلىك جايغا ئايلىنىۋاتىدۇ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قورال كونترول قىلىش مەسىلىسىدە دۆلەتلەرنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ستولتېنبېرگ روسىيەنىڭمۇ يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى، يەر يۈزىدە قويۇپ بېرىلىدىغان يېڭى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو ئېنېرگىيەلىك چارلىغۇچى باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
خىتاينىڭ يادرو قورال ئامبىرىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئوق بېشى ۋە ئىلغار قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن تېز سۈرئەتتە كېڭىيىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ستولتېنبېرگ: «خىتاي ھېچقانداق چەكلىمىسىز ۋە مەخپى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېدى.
چاۋشيەن، ئىران قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭمۇ يادرو قورالى ساھەسىدە رول ئوينايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ستولتېنبېرگ بۇ دۆلەتلەرنىڭ يەر شارى قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
«دۇنيا تېزلىكتە مۆلچەرلىگۈسىز، رىقابەت كۈچىگە ۋە خەتەرلىك ھالەتكە كېلىۋاتىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بۇ ئۆزگىرىشچان دۇنياغا ماسلىشىۋاتىدۇ. ئۆتكەن يىلى 6-ئايدىكى بىريۇسسېل باشلىقلار يىغىنىدا، 2030-يىلدىكى ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان كۈن تەرتىپىمىزگە قوشۇلدۇق. بۇ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قورال كونترول قىلىش، قورالسىزلىنىش دېگەنلەرنى تىلغا ئالغان ستولتېنبېرگ مۇنداق دېدى: «بىز ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىپ، ئىتتىپاقداشلار ۋە باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزگىچە سۇپا ھازىرلىشىمىز كېرەك».
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىشىپ، يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسىنى قوغداش، قورال كونترول قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىغا تاقابىل تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ستولتېنبېرگ؛ خىتاينىڭ دۇنياۋى كۈچلۈك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ، قورال كونترول قىلىش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى كۆرسەتتى.