تەرجىمىگە تەييارلىغۇچى: تەكلىماكان
2021- يىل 11- ئاينىڭ 9- كۈنى، سەيشەنبە….
يەر شارىنىڭ سىياسىي سەھنىسىنى تەسۋىرلەيدىغان نۇرغۇن كۆرۈنۈشلەر بار، چوڭ-كىچىكلىكى ۋە مۇھىملىقى ئوخشىمايدۇ. ئ ەمما شەك-شۈبھىسىزكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك بولغىنى ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى بولۇپ ، بۇ توغرىلىق نۇرغۇن تەھلىل ۋە تەتقىقاتلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ئەگەر بارلىق كۆز قاراشلاردا ئورتاق تونۇش بار دەپ قارالسا ئۇ بولسىمۇ ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى 10 يىلى ۋەياكى 21-ئەسىرنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدە. ۋاشىنگىتون ۋە بېيجىڭ دۇچ كېلىدىغان ھەم كېلىۋاتقان بىر قانچە مەسىلە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان، تەيۋەن، جەنۇبىي دېڭىز، تىجارەت، خىتاينىڭ ئاتالمىش يېڭى يىپەك يول پىلانى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى قاتارلىق مەسىلىلەر بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچىسى خالاس.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئالدىنقى ئايدا قانۇن ماقۇللاپ، خىتاينىڭ كونتروللۇقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن پەن-تېخنىكىغا نەچچە مىليارد دوللار مەبلەغ ئاجرىتىشنى پىلانلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
پولشالىق تەتقىقاتچى جەكېك بارتوسىياك بىزگە «تۇكىدىدېس تۇزىقى» نى يەنى گرېتسىيە تارىخچىسى تۇكىكىدىسنىڭ تەخمىنەن 2400 يىل ئىلگىرى ئېلىپ كەلگەن نەزىرىيەنىڭ ھەرىكەتچانلىقىنى ئەسلەتتى.
تۇكىدىدېس توزىقى كۈچلۈك قۇرۇلما جىددىيلىكى بولۇپ، ئۆرلەۋاتقان كۈچ يەنە بىر ھۆكۈمران كۈچنىڭ ئورنىنى ئالالايدۇ. دېمەك، ھۆكۈمران كۈچنىڭ يىمىرىلىشى ۋە رەقىبى كۈچنىڭ كۈچىيىشى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشنى مۇقەررەر قىلىدۇ. بۇ نەزىرىيەگە مىسال ئالدىغان بولساق، مۇقىم ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق ئافىنانىڭ، بىلەكنىڭ كۈچى بىلەن كۈچەيگەن ۋە تەسىرىنى پۈتۈن گرېتسىيە دۇنياسىغا كېڭەيتمەكچى بولغان سپارتا ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ.
تەھلىلچىلەر ۋە نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار تۇكىدىدېس توزاق نەزەرىيىسى «ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتى» گە ناھايىتى ماس كېلىدۇ… دەپ قارايدۇ.