گېزىتىچى_يازغۇچى: Zaheena Rasheed
تەرجىمە_قىلغۇچى: ھەمزە
خىتاي ۋە روسىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى ياپونىيەنىڭ ئاساسلىق ئاراللىرىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، -11 ئاينىڭ -22 كۈنى ياپونىيە بىلەن كورىيەنىڭ ھاۋا مۇداپىئە رايونىغا يەنە بومباردىمانچى ئايروپىلان ئەۋەتكەن بولۇپ، سېئۇل ھۆكۈمىتىنى بۇ ئۆزگىرىشلەرگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن جىددى ھالدا ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ھەركەتلەندۈرۈشكە مەجبۇرلىدى.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى كىشى نوبئۇ -11 ئاينىڭ -30 كۈنى توكيودا مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشۈپ ، ئالدىنقى ھەپتە يۈز بەرگەن ئىككى دۆلەتنىڭ بىرلەشمە چارلاش خىزمىتىگە نىسبەتەن «ئېغىر ئەندىشە»سىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: بېيجىڭ ۋە موسكۋانىڭ ھەرىكىتى «ياپونىيە بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشقانلىقىنى» ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
نوبئۇنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ۋە رۇسىيەدىكى كەسىپداشلىرى بىرلەشمە يىغىن ئۆتكۈزۈپ، ئېلىپ بارغان ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرىنى «چوڭ ۋەقەلەر» دەپ ماختىغان ھەمدە مۇداپىئە كېلىشىمىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى كېلىشىم ئىمزالىغان.
بۇ روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگېي شويگۇ ۋە ئۇنىڭ خىتاي مەنسەپدىشى ۋېي فېڭخې ئىمزالىغان ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كۈچەيگەن بىر يىل بولۇپ، جۈملىدىن -8 ئايدىكى خىتاينىڭ نىڭشيادا ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇش مانېۋىرىغا روس ئارمىيىسىنىڭ قاتنىشىشدۇر. ئۇنىڭدا باشقا يەنە ھەربىي تىك ئۇچار ئايروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇمىدىن ئاگاھلاندۇرۇش سىستېمىسى، ھەتتا ئاي شارىدىكى بىر تەتقىقات پونكىتىنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قوللىنىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
روسىيە ئارمىيسى خىتاي ئىچىكى قۇرۇقلۇقىدا ئۆتكۈزۈلگەن مانېۋىرىغا قاتناشقان تۇنجى چەتئەل كۈچى.
1- «ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ ياخشى ھالەتتە»
خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئورنى (IISS) نىڭ روسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئالىي خىزمەتچىسى نىگېل گولد-داۋىس مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ ھازىرقى ھالىتى 1950-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك، ئەڭ يېقىن ۋە ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت»
گولد-داۋىس نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنىڭ «پەۋقۇلئاددە» ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، خىتاي-روسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختا 1960-يىللاردا ئۆز-ئارا ھوشيارلىقنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، جۈملىدىن بېيجىڭ موسكۋانى يادرو ئۇرۇشىنىڭ گىرۋىكىگە ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ مۇناسىۋەتنىڭ تەرەققىياتى 2014-يىلى روسىيەنىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغانلىقىغا قارىتىلغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ جازاسىدىن كېيىن تېزلەشكەنلىكىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن روسىيە مۇناسىۋىتى يېقىنقى 10 يىلدا ھەقىقەتەن تېز تەرەققىي قىلدى».
2- دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت
ئىككى دۆلەتنىڭ يىغىلىشى مۇداپىئە مەسىلىسىدىلا ئەمەس بەلكى يەنە دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىمۇ ئېلىپ بېرىلدى.
بېيجىڭ بىلەن موسكۋا تاشقى سىياسەتتە ئىران، سۈرىيە ۋە ۋېنېزۇئېلاغا ئوخشاش پوزىتسىيەدە بولۇپ، يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا چاۋشيەنگە قاراتقان جازانى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى پىكىرنى قايتا بىرلىكتە ئوتتۇرغا ئېلىپ چىقتى.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن روسىيە رەھبىرى ۋىلادىمىر پۇتىن 2013- يىلدىن بۇيان 30 نەچچە قېتىملىق ئۇچۇرشىش جەريانىدا شەخسىي مۇناسىۋەت ئورناتتى. بىز ھەتتا شىنىڭ پۇتىننى «ئەڭ يېقىن دوستى» دەپ ئاتىغانلىقىغا شاھىت بولدۇق.
خىتاي ئۈچۈن ئېيتقاندا، روسىيە قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە نېفىت ئىمپورتى ئۈچۈن بولسا ئىككىنچى چوڭ دۆلەت. روسىيەگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، خىتاي شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكى يامال سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز (LNG) زاۋۇتى ۋە 55 مىليارد دوللارلىق «سىبىرىيەنىڭ كۈچى» نامىدىكى تۇرۇبا يولىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېنېرگىيە تۈرىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى ۋە ئاساسلىق مەبلەغ سالغۇچىسى.
خەلقئارا ئىستراتېگىيىلىك تەتقىقات ئورنى (IISS) نىڭ روسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىيانىڭ ئالىي خىزمەتچىسى نىگېل گولد-داۋىسنىڭ قارىشىچە، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ ئەركىن دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا بولغان ئورتاق دۈشمەنلىكى.
گولد-داۋىس ئەلجەزىرە قانىلىغا مۇنداق دېدى: «ھەر ئىككى دۆلەت دېموكراتىيەگە قارشى ھاكىمىيەتلەر تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ، ئۇلار غەربنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ ئۆز دۆلەتلىرىدىكى تەسىرىگە قارشى تۇرۇشتا كۈچلۈك ئورتاقلىقا ئىگە».
3- روسىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ناتو
ئامېرىكىنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى، خىتاي، روسىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىقىنى «ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» غا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ سۈپەتلىسە، بۇ مۇناسىۋەتلەرنىڭ چوڭقۇرلىشىشى پۈتكۈل غەرب دۇنياسىنى ئېغىر ئەندىشىگە سالىدۇ. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىتتىپاق سۈپىتىدە قۇرۇلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى زېھنىنى ئىككى دۆلەتكە قارىتىلغان تەدبىرلەرگە كېڭەيتىشنى پىلانلىدى.
شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى جېنس ستولتېنبېرگ ئالدىنقى ئايدا لوندونغا جايلاشقان «پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئۆزىنىڭ خىتاي بىلەن روسىيەنى ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەھدىد دەپ قارىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ يەنە «خىتاي بىلەن روسىيە يېقىندىن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ ھەمكارلىقى ئاسىيا، تىنچ ئوكيان ياكى ياۋروپا ئارىسىدا بەك پەرقلىنىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، بۇ رايونلار بىر چوڭ بىخەتەرلىك رامكىسىنى تەشكىل قىلىدىغان بولۇپ، بىز ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى بىرلىكتە ئويلىشىشىمىز كېرەك » دېدى.
بەزىلەر ئامېرىكا تەرەپنىڭ بۇ باھالىشىنى بەك ئاددىي ۋە يېتەرسىز بولۇپ، «ئېغىر خاتالىق» نى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن دەيدۇ.
ئالدىنقى ئايدا ئاۋىستىرالىيەنىڭ سابىق دىپلوماتى ۋە مۇستەقىل خەلقئارا مۇناسىۋەت ئانالىزچىسى بوبو لو ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يەرشارى بىخەتەرلىك تەتقىقات مەركىزى ساھىبخانلىق قىلغان سۆھبەتتە مۇنداق دېدى: «غەربكە قارشى چوڭ سۇيىقەست يوق، ئۇ بىر كلاسسىك چوڭ كۈچ مۇناسىۋىتى، يەنى ئورتاق قىممەتكە ئەمەس، مەنپەئەتكە يېتەكلەيدىغان ئورتاق بەھرىلىنىش»
لو يەنە مۇنداق دېدى: خىتاي بىلەن روسىيە بىر-بىرىنى قوللاش ئارقىلىق «ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنلۇقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى» كۈچەيتىش ئارقىلىق «ھالقىلىق پايدا» غا ئېرىشتى. ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسىدىكى مۇداپىئە ھەمكارلىقى موسكۋانىڭ دۇنيا سەھنىسىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىشكە يول ئاچدۇ، بېيجىڭ بولسا روسىيەنىڭ ئىلغار ھەربىي تېخنىكىسى ۋە مەشغۇلات تەجرىبىسىگە ئېرىشەلەيدۇ.
لونىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يەنە موسكۋانىڭ قىرىمنى قوشۇۋالغاندىن كېيىنكى جازا سەۋەبىدىن غەرب شىركەتلىرىنىڭ روسىيەدىن چېكىنىشىدىن كېلىپ چىققان تېخنىكىلىق بوشلۇقنى تولدۇرالايدىكەن. خىتاينىڭ تېخنىكىغا مەبلەغ سېلىشى روسىيەنىڭ شىمالىي قۇتۇپ LNG تۈرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىدا ئىنتايىن مۇھىم.
روسىيەلىك گابۇۋ، روسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ «غەربنىڭ كونتروللۇقىدىن ھالقىغان ئاساسىي ئامىللارنىڭ تۈرتكىسىدە» ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
گابۇۋ مارتتا قىلغان سۆزىدە:«ئۇ ئىككى دۆلەتنىڭ 4،300 كىلومېتىرلىق چېگرانى ئورتاقلىشىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ئۇلار يەنە 1969- يىلدىكى چېگرا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن دۈشمەن بولۇشنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىدىغانلىقىنى بىلىدۇ» دېدى.
گابۇۋ ئالدىنقى ئايدا تىۋىتتېردا مۇنداق دېدى: خىتاي بىلەن روسىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئورتاق تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدىكى تەشەببۇسى «خىتاي-روسىيە ھەمكارلىقىنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسى ۋە تەپسىلاتلىرىنىڭ مۇبالىغىلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئىپادىسى».
4- «قوش يۈزلۈك تاجاۋۇزچى»
بەزىلەر ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ بېسىمى باشلىنىش نۇقتىسى.
خىتاينىڭ دۆلەت رادىئوسى CGTN نىڭ ئوبزورچىسى بولۇپ ئىشلەيدىغان بېيجىڭلىق سىياسىي ئانالىزچى ئېينار تاڭېن مۇنداق دېدى: «خىتاي بىلەن روسىيە، ئامېرىكىنى ئۆزىنىڭ زومىگەرلىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن باشقىلارنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنى مەقسەت قىلغان قوش يۈزلۈك تاجاۋۇزچى دەپ قارايدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ھەرىكىتى «ئىككى دۆلەتنى ئەڭ چوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەھدىتى دەپ ئەيىبلەش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق جازا، شۇنداقلا بېيجىڭ بىلەن موسكۋاغا قارشى ئىتتىپاق دەپ قارىغان قۇرۇلمىلارنى شەكىللەندۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ».
ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ھەركەتلىرىنىڭ بىرىنى Quad بولۇپ، بۇ بىرلەشمە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى ھىندىستان، ياپونىيە ۋە ئاۋىستىرالىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. خىتاي تەرپىدىن «ئاسىيا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى» دەپ ئەيىبلەنگەن بۇ گۇرۇپپا ئۆتكەن 13 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىم دېڭىز مەشىقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. بۇ يىل Quad قا ئەزا تۆت دۆلەت دېڭىز ئارمىيىسى مانېۋىرنى فىلىپپىن دېڭىزى ۋە بېنگال قولتۇقىدا ئىككى باسقۇچقا بۆلۈپ كېڭەيتتى.
ئاندىن ئاۋسترالىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا يېڭىدىن قۇرۇلغان بىخەتەرلىك ئىتتىپاقى AUKUS دەپ ئاتىلىدى. سېنتەبىردە ئۈچ تەرەپ كېلىشىمىنى ئېلان قىلغان ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ئاۋىستىرالىيەنىڭ يادرو ئېنېرگىيەلىك سۇ ئاستى پاراخوتىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. تەھلىلچىلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بۇ خىل ھەرىكەت ئاۋىستىرالىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز ۋە تەيۋەن بوغۇزىدىكى تالاش-تارتىشتىكى سۇلارنى چارلىشىغا يول ئاچىدىكەن.
خىتاي بۇ ئىتتىپاقنى رايوننىڭ مۇقىملىقىغا «ئىنتايىن مەسئۇلىيەتسىزلىك» تەھدىتى دەپ ئەيىبلىدى، روسىيە بولسا «خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك شەرتنامىسى» دىكى بىر چوڭ رىقابەت دەپ تەسۋىرلىدى.
موسكۋادا تۇرۇشلۇق روسىيە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر كېڭىشىنىڭ ئانالىزچىسى دانىل بوچكوف مۇنداق دېدى: «بۇ خىل ھەرىكەت مۇقەررەر ھالدا خىتاينى روسىيە بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمكارلىق ئورنىتىپ، دۈشمەنلىك ھەرىكەتلىرىگە ئۆز-ئارا جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ».
ئامېرىكىنىڭ قۇرۇغان بىرلەشمىلىرىگە قارىتا خىتاي بىلەن روسىيە، ياپونىيە ۋە كورىيە دېڭىز ئەتراپىدا بىرلەشمە مانېۋىرىنى ئۆتكۈزدى، ياپونىيە ۋە كورىيە بولسا ھەر ئىككىلىسى ئامېرىكىنىڭ ئىتتىپاقدىشى.
بوچكوۋ رىقابەتنىڭ كەسكىنلىشىشىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە كۆرۈلگەن قاتتىق گۇرۇپپىلارنىڭ قايتىدىن بارلىققا كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
قاراپ باقىدىغان بولساق بىر تەرەپتە ئامېرىكا رەھبەرلىكىدىكى جەمئىيەت، يەنە بىر تەرەپتە خىتاي، روسىيە ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ بارلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
پ د ف نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى
https://drive.google.com/file/d/13MqLetWOkHEC1ESfSPuPsTMmTt_ZpPRy/view?usp=sharing