1.2K
2021- يىلى 12- ئاينىڭ 14- كۈنى، سەيشەنبە…
شى جىنپىڭ 15-دېكابىر روسىيەلىك مەنسەپدىشى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن توردا يىغىن ئۆتكۈزىدۇ.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ شى بىلەن پۇتىننىڭ توردا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
باياناتچى خۇا 15-دېكابىر ئۆتكۈزۈلىدىغان يىغىندا رەھبەرلەرنىڭ ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت ۋە رايون ۋە دۇنياۋى مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئىككى دائىمىي ئەزالىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇچرىشىشى كۈچ تەڭپۇڭلۇقى جەھەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ، چۈنكى ئىككى دۆلەت يېقىندا ئامېرىكا بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋەت سەۋەبىدىن يېقىنلىشىش تەرپىگە قاراپ ماڭماقتا.