Home خەلقئارا خەۋەرلەرئاسىياخىتاينىڭ 4 ھەربىي پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى

خىتاينىڭ 4 ھەربىي پاراخوتى شەرقىي دېڭىزدىكى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى

by تەكلىماكان

2021- يىل 12- ئاينىڭ 16- كۈنى ، پەيشەنبە

ئىگىلىنىشچە ، خىتاي بايرىقى ئاستىدىكى 4 دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت پاراخوتى شەرقىي خىتاي دېڭىزىدىكى تالاش-تارتىشتىكى سېنكاكۇ ئارىلى ئەتراپىدىكى ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكىگە كىرگەن.

ئوكىناۋانىڭ ناخا ناھىيىسىدىكى 11-رايون دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت مەركىزىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، خىتاي پاراخوتلىرى ياپونىيەنىڭ دۆلەت زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلغان.

بۇ پاراخوتلار مىنامى كوجىما بىلەن تەيشو ئارىلىغا يېقىنلىشىپ ، ياپونىيەنىڭ دېڭىز تەۋەلىكى بىلەن قاپلانغان تالاش-تارتىش رايونىدا تەخمىنەن ئىككى سائەت تۇرغان. ئاندىن پاراخوتلار كۇباسىما ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 25 كىلومىتىر ماڭدى.

ياپونىيە دېڭىز قىرغىقى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بۇ رايوندىن ئايرىلىش ئاگاھلاندۇرۇشى نەتىجىسىدە ، خىتاي پاراخوتلىرى بۇ يەردىن ئايرىلدى.

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسىدا: 11-ئاينىڭ 19-كۈنى خىتاي بايرىقى ئاستىدىكى پاراخوتلار بۇ يىل 33-قېتىم ياپونىيە دېڭىز تەۋەلىكىگە كىردى.

تالاش-تارتىشتىكى ئاراللار

شەرقىي دېڭىزدا ، ياپونىيەنىڭ «سېنكاكۇ» ، خىتاينىڭ «دياۋيۈ» دەپ ئاتىلىدىغان تاقىم ئارىلى 5 ئارال ۋە 3 تاشتىن تەركىب تاپقان.

ھېچكىم تۇرمايدىغان تاقىم ئارىلى ئۇزۇندىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسىنىڭ مەنبەسى بولۇپ كەلگەن.

Related Articles

Leave a Comment