
تەتقىقاتچى، تەھلىلچى، تەھرىر : Selim Demir
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2021-يىلى 29-دېكابىر،
ئافغانىستاندىكى ھاكىمىيەتنى يېڭىدىن ئۆتكۈزۈۋالغان تالىبان ھاكىمىيىتى بىلەن ئىسلام ئاباد ھۆكۈمىتى ئوتتۇرسىدىكى چىگرا توقۇنىشى يېڭىدىن كۈن تەرتىپكە كەلدى.
ئافغانىستان بىلەن پالىستان چېگراسى ۋە 19- ئەسىرنىڭ ئاخىردا ئەنگىليە تەرپىدىن سىزىلغان دۇراند چىگرا لېنىيىسىدە يۈزبەرگەن تۇقۇنۇشلاردا ئىغىر تىپتىكى زەمبىرەكلەرگىچە ئىشلىتىگەن بولۇپ، بۇ توقۇنۇش ئاساسلىق كۇنار ۋە نەنگىھار ۋىلايەتلىرىدىكى چېگرالارغا مەركەزلەشكەن .
بۇ توقۇنۇشلارنىڭ رايۇنغا نىسبەتەن ئىلپ كەلگەن تەسىرىنى يەكۈنلەشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىگە قىسقىچە قاراپ چېقىش كىرەك .
- پاكىستاننىڭ 2001-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئافغانىستانغا تۇتقان پوزىتسىيىسى
2001- يىلى ئامېرىكا باشچىلىقىدا باشلانغان ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشلار غەربنىڭ ئاخبارات ئورگانلىرى تەرىپىدىن كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلىندى بۇ ئورگانلار ئۇرۇش جەريانىنى تەھلىل قىلىش بىلەن بىرگە، باشچىلىقىدىكى غەرب ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتىنى جەڭ مەيدانىغا يۇقۇرى ئۇرۇنغا قويۇپ باھا بەردى. ئەلۋەتتە….
پاكىستاننىڭ ئۇرۇش جەريانىدىكى پوزىتسىيسى مانا بۇ نوقتىدا ئۈستىدە بەكرەك باھالاندى. غەرب ئاخباراتلىرى بۇ ئۇرۇشتا «پاكىستان تالىباننى قوللىدى» دەپ تارقاتقان بولۇپ، بۇ ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيسى ئىككى خىل پايدىنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇلارنى بىرى بولسا – غەرىبنىڭ ھەربىي ئىتتىپاقىنى تىخمۇ قوللاشنى كاپالەتكە ئىگە قىلش ئۈچۈن پاكىستانغا تىخمۇ كۆپ سىياسى بىسىم قىلىش.

يەنە بىرى – پاكىستان خەلقىگە بولسا، ئىسلام ئاباد ھۆكۈمىتنىڭ تالىباننى قوللايدىغان ئوبرازنى كۈچەيتش ئارقىلىق غەربنى قوللاۋاتقان ھۆكۈمەتلەرگە قارشى ئىجتىمائىي پارتىلاشنىڭ ئالدىنى ئالدى .
بۇ ھالەتتە پاكسىتان، ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان شىمالى ئاتلاتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بەرگەن چەكلىمىسز ياردىمى بىلەن، غەرىبنىڭ تەشۋىقاتىدا «تالىباننى قوللىغۇچى» بولغان بولسىمۇ، ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ پاكىستان چېگراسىنىڭ ئىچىدە قوللاشلارنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەتتىكى مەدەنىيەت، مىللىي، دىنىي ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتنى ئاساس قىلغان.
پاكسستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىىدىكى پوشتۇ نوپۇسى، دىئوبەنىد مەدرىسلىرى ۋە باشقا قۇرۇلمىلار ئافغانىستاننىڭ كېڭىيشى، شۇنداقلا ئىدىئولوگىيە جەھەتتىن ئۇلار تالىباننىڭ ئۇرشىنى ئۆزىنىڭ ئۇرۇشى دەپ قارايتى.
يەنە بىر تەرەپتىن پاكىستان ھۆكۈمىتى بۇرندىن تارتىپ بۇ ئۇرۇشنى دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن مۇھىم دەپ قاراپ تالىباننى قوللاشلارغا كۆزىنى يۇمۇپ، دۆلىتىنى ئامېرىكا ۋە شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئارقا ھويلىسغا ئايلاندۇرۇشتىن ھەم يانمىدى. ھەتتاكى ئامېرىكا 2011-يىلى 5-ئايدا ئەلقائىدە جامائىتنىڭ رەھبىرى ئوسامە بىنلادىنغا قارشى ھەركەت ئىلىپ بارغاندا، پاكىستانغا خەۋەر قىلىشنىمۇ ئۇيلىشىپ باقمىدى. گەرچە پاكىستان بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەنقىد قىلغان بولسىمۇ، بۇ تەنقىدلەر قەغەز يۈزىدىلار قېلىپ قالدى.
- پاكىستاننىڭ تالىبانغا قارشى ئۇرۇشتىكى رولى
پاكىستاننىڭ ئافغانىستاننى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى قوللىشىغا مەجبۇرلىغان مەجبۇرلاش ۋە ئەھۋاللار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەتقىق قىلىنىۋاتىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، پاكىستاننىڭ چەكلىمىسىز قوللىشى بولمىسا، ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا بۇنداق ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن بولمايتتى. بىلگىنىڭىزدەك ئافغانىستاننى ئېگە دېڭىزغا تۇتاشتۇرىدىغان پەقەت ئىككى دۆلەت بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئىران بىلەن پاكىستان.
ئافغانىستاننىڭ باشقا قوشنا دۆلەتلەر بولسا روس ۋە خىتاينىڭ تەسىرىگە ئۇچىرىغان قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرىدۇر . بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى پاكىستانغا تايىنىپ ئۈزلۈكسىز ھالدا ئافغانىستاندا ھەركىتىنى داۋاملاشتۇرالىدى. شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئەشىيالىرى ھىندى ئوكياندىن ئۆتۈپ پاكىستانغا ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئافغانىستانغا توشۇلدى. پاكىستاندىكى جىھاتچىلارنى قوللايدىغان گۇرۇپپىلار بۇ تەمىنلەش زەنجىرىگە زەربە بەرگەندە ئامېرىكا ۋە پاكىستان بۇ گۇرۇپپىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەت قوزغىدى.
پاكىستان دۆلىتى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى ئالاھىدە شەخسلەر بۇ تەمىناتلارنىڭ ئافغانىستانغا يېتىپ كېلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش بەدىلىگە زور پايدا ئالدى. يۇقىرىدا بايان قىلىنغاندەك ، پاكىستاننىڭ بۇ مەسىلىدىكى مۇۋەپپەقىيەتلىرى باشقا ماقالىلەرنىڭ قىزىق تىمىسى بولغان. قانداقلا بولمىسۇن ، شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، ئونلارچە دۆلەت ئەمەلدار ۋە باشقۇرغۇچىلىرى ئامېرىكا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ئارقىلىق زور بايلىققا ئېرىشتى.

تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، پاكىستان دۆلەت ئاخبارات ئورگىنى ISI ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىدىغان پاكىستان ئارمىيىسى ئوچۇق-ئاشكارە ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قاتناشتى. پاكسىتان دۆلەت مەنپەتىگە ماس ھالدا ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشى ئۈچۈن داۋاملىق شارائىت ھازىلاپ بەردى. پاكىستاننىڭ بۇ قوللىشى بولسا 2021-يىلى 8-ئايدىكى ئۇرۇش ئاخىرلاشقىچە داۋانلاشتى .
پاكىستاننىڭ يەنە بىر ھەرىكىتى ، پۇشتۇ رايونلىرى ۋە دىئوبېند مەدرىسلىرىدە پاناھلانغان ئافغانىستان تالىبان رەھبەرلىرىنى قولغا ئېلىش. ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ئون نەچچە رەھبىرى پاكىستان دۆلىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇزۇن يىل تۈرمىگە تاشلانغان ۋە قىيىن-قىستاققا ئېلىنغان. بەزى ئىسىملار قىيىن-قىستاق ئاستىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان. ھازىر ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ ئەزاسى ۋە بۇ دۆلەتتىكى يېڭى ھۆكۈمەتتە خىزمەت قىلىۋاتقان تۆۋەن، ئوتتۇرا ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ مۇھىم بىر قىسمى ئىلگىرى پاكىستان تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان.
بۇ قولغا ئېلىش ۋە تۈرمىگە تاشلاش جەريانى ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ پاكىستانغا بولغان كۆز قارىشىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭدىن باشقا، 2001-يىلى ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇزى بىلەن ئىسلام ئەمىرلىكى يىمىرىلىپ، بىر قىسىم تالىبان ئەزالىرى پاكىستاننىڭ ئىچىدىكى رايونلارغا تارقىلىشى بىلەن زور بىر تۈركۈم قولغا ئېلىش دولقۇنى يۈز بەردى. بۇ ئارىلىقتا، يۈزلىگەن ئافغانىستان تالىبانلىرى ۋە مۇھاجىرلار پاكىستان تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ ئامېرىكىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

ئۈچىنچى مەسىلە، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان بىلەن چېگرىلىنىدىغان پۇشتۇ رايونىغا قارشى ئۇرۇشى. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستانغا تەمىنلەيدىغان تەمىناتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش مەركىزى بولغان قەبىلە رايۇنى، شۇنداقلا ئافغانىستان تالىبانلىرى پاناھلانغان پاشتۇن رايونى ۋە بالۇچىستان رايۇنى پاكىستان دۆلىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. بۇ زىمىنلاردا، ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن پاراللېل ھالدا، پاكىستاننىڭ ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىىسدە مىڭلىغان پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلىپ، ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى يۈز بەردى.
ئافغانىستان ئۇرۇشىغا پاراللېل ھالدا، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدىكى پاشتۇن بەلبېغىنىڭ تېزلىكتە تالىبانلىشىشى ۋە ھەربىيلىشىشىمۇ پاكىستان دۆلىتىنىڭ ھەربىي رېفلىكىسسىنى قاتتىقلاشتۇردى. بۇ رايوننىڭ دۇراند لىنىيىسى بىلەن پارچىلىنىپ كەتكەن ئافغانىستانغا يېقىن بولۇشى پاكىستان دۆلىتىنىڭ بۇ رايوننى دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى دەپ قارىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ئاخىرىدا، 2014- يىلى پاكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئېلىپ بارغان Zarb-i Azb ھەربىي ھەرىكىتىنىڭ تەسىرىدە، پۇقرالار ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىدى. قوراللىق گۇرۇپپىلار 2019-يىلىدىن كېيىن قايتىدىن ئوتتۇرغا چىقىشقا باشلىدى.
بۇ نۇقتىدىن قاراپ چىقىدىغان بولساق، ئافغانىستان تالىبانلىرىنى پاكىستاننىڭ قوللىشىدىن بەكرەك، پاكىستان خەلقنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى دېيىشكە بولىدۇ. گەرچە پاكىستان دۆلىتى رېئاللىقىغا ئايلانغان بۇ قوللاشنىڭ ئالدىنى ئالماقچى بولغان بولسىمۇ، قىلالمىدى.
- تالىبانلارنىڭ پاكىستانغا بولغان قارىشى
يۇقاردىكىلەرگە ئاساسەن، بىز ئافغانىستان تالىبانلىرىنىڭ پاكىستانغا بولغان كۆز قارىشىنىڭ ئاساسلىق ئىككى ئوقتا شەكىللەنگەنلىكىنى ئېيتالايمىز.
بىرىنچى – پاكىستان زېمىنىغا، ئادەملىرىگە ۋە دۆلىتىگە بولغان كۆز قاراش. تالىبانلار پاكىستاننىڭ دىنىي، مىللىي ۋە مەدەنىيەت توقۇلمىلىرىغا ئىنتايىن يېقىن دېيىشكە بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، پاكىستاننىڭ غەربىي شىمال قىسمى ئاساسەن پۇشتۇلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تالىبانلارنىڭ ئىدىلوگىيىسىنى تارقىتدىغان دىيوبېندى مەدرىسلىرىنىڭ ماكانى.
ئىككىنچى – پاكىستان دۆلىتى، ئىستىخبارات ۋە ھەربىي ئىشلار بولغان كۆز قاراش. تالىبانلارنىڭ پاكىستان دۆلىتىگە بولغان كۆز قارىشى 20 يىل ئىچىدە ئافغانىستاندىكى ئۇرۇشىدا ئامېرىكا بىلەن ئورناتقان مۇناسىۋىتىدىن شەكىللەنگەن. بۇ نۇقتىدىن ئېيتقاندا، پاكىستان ئارمىيىسى تالىبان ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلىدىغان، قىينايدىغان، تۈرمىگە تاشلايدىغان، مۇسۇلمانلىرىنى بومباردىمان قىلىدىغان، مەسچىت ۋە مەدرىسلەرنى ۋەيران قىلىدىغان قۇرۇلما دەپ قارىلىدۇ.

يۇقاردىكىلەرگە قۇشۇمچە قىلدىغان بولساق، پاكىستاننىڭ ئافغانىستان چېگراسىغا قانۇنسىز كىرىپ ساقچى پونكىتى قۇرۇشى قارشى ئىنكاسنى كۈچەيتىدىغان يەنە بىر مەسىلە. ئۇنىڭ ئۈستىگە ، 1947-يىلى قۇرۇلغان پاكىستان گەرچە ئەنگىلىيە سىزغان دۇراند لىنىيىسىنى «رەسمىي چېگرا» دەپ قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، ئافغانىستاندىكى ھېچقانداق ھۆكۈمەت بۇ چېگرالارنى ئېتراپ قىلمايدۇ. تالىبانلار يەنە دۇراند لىنىيىسىنى ئافغانىستاننىڭ تەبىئىي چېگرىسىنى ۋە رايوننى ئايرىيدىغان سۈنئىي چېگرا دەپ قارايدۇ.
تالىبانلار پاكىستان بىلەن تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، ئەمما پاكىستاننىڭ بۇ رايوندىكى دۆلەت قۇرۇلمىسىنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغان ھۆكۈمەت يەنىلا تالىبان دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان كەچۈرمىشلەر تالىبانلارنىڭ پاكىستاننى ياخشى تونۇشىغا سەۋەب بولدى.
تالىبانلار پاكىستان ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىلچە ئىككىلەنمەستىن تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىگە جاۋاب قايتۇردى.
بۇلارنىڭ ھەممىسىگە، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبان ھۆكۈمرانلىقىنى تېخى ئېتىراپ قىلمىغانلىقىنى قوشقاندا، تېخىمۇ ئېنىق كۆز قاراش ئوتتۇرغا چىقىدۇ.
- ئافغانىستان-پاكىستان توقۇنۇشى نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئارقا كۆرۈنۈشنى قىسقىچە چۈشەندۈرگەندىن كېيىن، جىددىيلىكنىڭ نېمىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا پاراڭلىشالايمىز.
بىرىنچىدىن، تەرەپلەرنىڭ بىر-بىرىگە قارشى قوللىنىدىغان ئىقتىسادى، سىياسىي ۋە ھەربىي قوراللىرىنىڭ ئوخشىمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. مەسىلەن، پاكىستان ئافغانىستاننىڭ يېمەكلىك ئېھتىياجىنىڭ تەخمىنەن% 70 ىنى قاندۇرىدىغان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن قولىدا ئافغانىستانغا قارشى مۇھىم كارتا بار. ئەلۋەتتە ، ئافغانىستانمۇ بۇ ئېكسپورت ئۈچۈن پۇل تۆلەيدۇ ، شۇنداقلا پاكىستان بۇ مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھەممىسىنى باشقا دۆلەتتە دەرھال ساتالمايدۇ. بۇ ئەھۋالنىمۇ باھالاشقا كىرگۈزۈلۈشى كېرەك.

ئافغانىستان تالىبانلىرى پاكىستاننىڭ غەربىي شىمالىدا پائالىيەت قىلىۋاتقان پاكىستان تالىبانلىرىنى (TTP) قوللىغانلىقى ھەممىگە ئايان. ئاخىرقى مەزگىلدە، TTP تەسىر كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى.
بۇنىڭغا پاراللېل ھالدا، پاكىستان چىگراسى ئىچىدىكى دائىش قوراللىق كۈچلىرى ۋە باشقا گۇرۇپپىلىرىنىڭ چېگراسىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستان زېمىنىدا ھەركەت ئېلىپ بېرىىشىغا توسقۇنلۇق قىلماسلىقى مۇمكىن. قاراپ باقىدىغا بولساق ئاۋغۇستتىن باشلاپ، دائىشنىڭ ئافغانىستاندىكى ھۇجۇملىرى «ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتى» ئوڭۇشلۇق بولمىغان ھەمدە TTP ھۇجۇملىرى كۈچەيگەن مەزگىللەرگە توغرا كەلگەن.
بۇ نۇقتىدا ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يەردە دېيىلگىنى «دائىشنى پاكىستان كونترول قىلىدۇ» دېگەندەك ئەمەس. دائىشنىڭ سەپەرۋەرلىك ۋە ھۇجۇملىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان پاكىستان دۆلىتى، ئافغانىستانغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن دائىشنىڭ ئافغانىستاندا ھەركەت ئېلىپ بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالمايدۇ.
ھازىرچە تالىبانلارنىڭ پاكىستاندىن ئېرىشمەكچى بولغان تۇنجى پايدىسى بولسا، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ ئافغانىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش. ھازىر ، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ كۇنار، نەنگارھار ۋە پاكىتىكا قاتارلىق ۋىلايەتلەردىكى چېگرا پونكىتلىرى ئافغانىستان زېمىنىدا قانۇنسىز تۇرماقتا. ئاۋغۇستتىن باشلاپ ، تالىبانلار پاكىستاننىڭ بىر قىسىم قاراۋۇلخانىلىرىنى تارتىۋالغان بولۇپ. بۇلار سىياسىي ئالاقە بىلەن ئەمەس، بەلكى ھەربىي توقۇنۇشلار نەتىجىسىدە قولغا كىرگۈزۈلدى.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، پاكىستان ئافغانىستان چېگراسىدىن چىقىرىۋەتىلگەندىن كېيىن، تالىباننىڭ يولغا قويماقچى بولغان ئىستراتېگىيىسى تېخىمۇ كونكرېت بولىدۇ. تالىبانلار بەلكىم TTP بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ئىشلىتىپ، پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە دۇراند لىنىيىسىگە قارشى ئىستراتېگىيىسىنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن. پاكىستانمۇ بۇ ھەرىكەتلەرگە قارشى جاۋاب قايتۇرۇشقا تىرىشىدۇ.
ئاخىرقى ھېسابتا، پاكىستاننىڭ 2001-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان مەيدانى بويىچە ئەقلىدە قالغىنى ياكى دۇراند لىنىيىسىدىكى ئوخشاش كىشىلەرنى چېگرانىڭ ئىككى تەرىپىگە ئايرىشقا ئۇرۇنسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت داۋاملىق مەۋجۇت بولىدۇ. تىلغا ئېلىنغان توقۇنۇش پەقەت تالىبان-پاكىستان توقۇنۇشى بولماستىن ئافغانىستاندىكى ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر چېگرا سىزىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان جىددىيلىك سەۋەبىدىن پاكىستان دۆلىتى بىلەن قەرەللىك توقۇنۇشۇپ تۇراتتى. نۆۋەتتىكى جىددىيلىكنىڭ قەيەرگە يېتىدىغانلىقىنى ۋاقىت كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
pdf نۇسخىسىنى چۈشۈرۋېلىڭ!
https://drive.google.com/file/d/1tIIqsKLmMQYCDQ9Sz7zGB_u5pinRLaDn/view?usp=sharing