2022-يىلى 26-يانۋار. چارشەنبە،
خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 25-يانۋار خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
يىغىنغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تۈركمەنىستان، تاجىكىستان ۋە خىتاينىڭ دۆلەت باشلىقلىرى قاتناشقان.
يىغىندا خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يىغىندا، قازاقىستان پرېزىدېنتى قاسىم جۆمەرت توقايېف 2025-يىلغىچە چېگرادىكى قۇرۇقلۇق تامۇژنىلىرىغا 20 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىپ، خىتايدىن توشۇش يولىنى كېڭەيتىشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ سۆزىدە، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن خىتاينىڭ ياۋرو-ئاسىيا رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە موھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.
ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيويېۋ بولسا، توسالغۇسىز سودا ۋە سانائەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق يېڭى ئىستراتېگىيىسىنى تەييارلاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ بۇ رامكا ئىچىدە خىتاي-قىرغىزىستان-ئۆزبىكىستان تۆمۈر يولىنى بۇ يىل باشلاشنى تەۋسىيە قىلغان.
قىرغىزىستان پرېزىدېنتى جاپاروف ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئافغانىستاننىڭ يېڭى ھۆكۈمىتى بىلەن نۆۋەتتىكى كۈن تەرتىپىدىكى ئەڭ جىددىي مەسىلىلەردە سۆزلىشىش ۋە ھەمكارلىقنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇشىنىڭ موھىملىقىنى تەكىتلىگەن. جاپاروف تېرورلۇق ۋە ئاشقۇنلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ئاساسلىق ھەمكارلىق ساھەلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ: «مەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ ئەھمىيىتىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكچى» دېگەن.
خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ قازاقىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش تىرىشچانلىقىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ھەمدە توقايېفنىڭ رەھبەرلىكىدە قازاقىستاننىڭ بارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يىغىندا شى جىنپىڭ «خىتاي-ئوتتۇرا ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بەش تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلارنىڭ بىرى، «ئۈچ خىل كۈچ»كە زەربە بېرىپ، چېگرا كونترول قىلىش، تور تېرورلۇقىقا قارشى تۇرۇش، بىرلەشمە ھەرىكەت ۋە باشقا ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايونلۇق بىخەتەرلىك تورىنى ئورتاق بەرپا قىلىش ئىكەن. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاندا «ئۈچ خىل كۈچ» ۋە «ئاشقۇنلۇق» بىلەن چەتئەلدە بولسا «تېرولۇق» بىلەن ئەيىبلەپ باستۇرۇشى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىماقتا.
ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا خىتاي بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى كۆپ تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر ئورتاق قارا ئىمزالانغان.
قازاقسىتان يېڭى يىل كىرىشى بىلەن يېقىلغۇ باھاسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى سەۋەبلىك باشلانغان ۋە كېيىنچە قانلىق توقۇنۇشقا ئايلانغان، ئاخىرىدا روسىيە باشچىلىقىدىكى چەتئەل قىسىملىرىنىڭ قازاقىستانغا تەكلىپ قىلىنىشى ۋە يۈزلىگەن كىشىنىڭ ئۆلۈپ، مىڭلارچە كىشىنىڭ قولغا ئېلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقان قاباھەتلىك بىر جەرياننى باشتىن كەچۈردى.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىىچە، قازاقىستاندىكى مالىمانچىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن باشقا، خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىنى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك ئوتتۇرىغا چىقارغان. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە نەچچە يۈز مىليارد خىتاي پۇلى تۆكۈپ، بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتكەن.
ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىغىننىڭ، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھىندىستان ئارىسىدا 27-يانۋار ئۆتكۈزۈلىدىغان تۇنجى قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدىن ئىككى كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈلىشى دىققەت تارتتقان.