بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، ياڭيۇنىڭ يەنە بىر خىل يىيىش ئۇسۇلى—بەرەڭگە قەلەمچىسى قاتلىمىسى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.
كىتەرلىك ماتېرىيال: 300گىرام بەرەڭگە ، 200گىرام ئۇن، 50گىرام يۇمغاقسۈت، 4گىرام تۇز، 30 مىللىلىتىر قوناق مېيى، ئىككى تۇخۇم
تەييارلاش ئۇسۇلى
1. بەرەڭگىنىڭ پوستىنى ئاقلاپ پاكىزە يۇيۇپ تەييارلايمىز.

2. يۇمغاقسۈتنى پاكىزە يۇيۇپ ئۇششاق چاناپ توغرايمىز.

3. بەرەڭگىنى ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغرىۋالىمىز.

4. يۇمغاقسۈت چانالمىسىنى بەرەڭگە قەلەمچىسىنىڭ ئۈستىگە قوشىمىز.

5. تۇز قوشىمىز.

6. ئۇن قوشىمىز.

7. ئىككى تۇخۇمنى قوشىمىز.

8. چوكا بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئۇماچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛ ئەگەر قارىماققا بەك قۇرغاق كۆرۈنسە، ئازراق سۇ قوشساق بولىدۇ.

9. تېگى تۈز قازاننى قىزىتىپ، ئىچكى قىسىمىغا بىر قەۋەت ماي سۈرۈيمىز.

10. ئالدىدا ئارىلاشتۇرۇپ تەييار قىلغان ياڭيۇ قەلەمچىسى ئۇمىچىنى چۈمۈچ بىلەن ئۇسۇپ قازانغا سېلىپ داغلايمىز؛ (چۆمۈچ بىلەن ئەتراپىنى يېغىشتۇرۇپ شەكىللىك ھالەتكە ئەكەلسىڭىز تېخىمۇ چىرايلىق چىقىدۇ)

11. بىر يۈزى سارغايغاندىن كېيىن يەنە بىر يۈزىنى ئۆرۈپ داغلايمىز. ھەر ئىككى يۈزى سارغىيىپ پىشقاندىن كېيىن تەخسىگە ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

