2022-يىلى 9-فېۋرال، چارشەنبە
ئامېرىكا تەيۋەننىڭ ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى قوللاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن 100 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئۈسكۈنە سېتىشنى تەستىقلىدى.
ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدا كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان «خىتاي تەھدىتى» گە قارشى تۇرۇشتىكى تاللاشلىرى ۋە پىلانىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىۋاتقاندا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن ھۆكۈمىتى تەيۋەنگە ئىككىنچى قېتىم ھەربىي ئەسلىھە ۋە قوشۇمچە مۇلازىمەت سېتىشنى تەستىقلىدى. بېيجىڭ ئامېرىكا تەيۋەن ئوتتۇرسىدىكى كېلىشىمنى ئەيىبلەپ «خىتاينىڭ بىخەتەرلىكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغىر دەخلى-تەرۇز قىلغانلىق» دېدى.
تەيۋەن 8-فېۋرال ئامېرىكىنىڭ ئۆزىگە ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 100 مىليون دوللارلىق ئۈسكۈنىنىڭ سېتىلىشىنى تەستىقلىغا رەھمەت ئېيتتى. بۇ كېلىشىم بىلەن تەيۋەن «ۋەتەنپەرۋەر» ھاۋا مۇداپىئە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىغا ئېرىشىتى. بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن ئۆز دۆلىتىنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىنى قوللاش ئۈچۈن كەسكىن تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
تەيۋەن زۇڭتۇڭ مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى Xavier Chang مۇنداق دېدى: «بۇ ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن ئېلىپ بارغان ئىككىنچى قېتىملىق قورال سودىسى ۋە بۇ يىل پرېزىدېنت جو بايدىن ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيانقى تۇنجى كېلىشىم. چاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ كېلىشىم تەيۋەن بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەھكەم ھەمكارلىقنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ» دېدى.
تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى كېلىشىمنىڭ كېلەر يىلى مارتتا يولغا قويۇلۇشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يېقىنقى كۈنلەردە تەيۋەن توختىماي خىتاينىڭ تاجاۋۇزچىلىق تەھدىتىگە ۋە بېسىمىغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. ئىگىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلىدىغان خىتاي بولسا تەيۋەننى ئۆزىنىڭ «زېمىنىنىڭ بىر قىسمى» دەپ داۋا قىلىدۇ ۋە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىپ بولسىمۇ ھامان بىر كۈنى تەيۋەننى تارتىۋالىدىغانلىقىنى قايتا قايتا تەكىتلەپ كەلدى. خىتاي يېقىنقى ئايلاردا تەيۋەننىڭ ھاۋا بوشلۇقىغا بولغان ھاۋا ھۇجۇمىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردى. 2021-يىلىنىڭ ئاخىرقى پەسلىدە تاجاۋۇزچىلىق ھەركىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا، خىتاي ئۇرۇش ئايروپىلانىلىرى تەيۋەن ھاۋا مۇداپىئە پەرىقلەندۈرۈش رايۇنىدا 2020- يىلى 380 قېتىم، 2021- 969 قېتىم تاجاۋۇز قىلغان.
ئامېرىكىنىڭ دوكلاتىدا، بېيجىڭنىڭ تەيۋەننى مەجبۇرىي قوشۇۋېلىشنى ئويلىشىۋاتقان «كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان ئالامەتلەر» بارلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇشلارنىڭ كۈچىيىشىگە قارىماي، خىتاينىڭ تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلىشىغا يېتەرلىك تەييارلىق قىلمىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
بازا ۋە ئامبارلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش
دوكلاتتا يەنە، ئامېرىكىنى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەردىكى بازىسى، كۈچلىرى ۋە بازىلىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇلمىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. قۇرۇلتاي تەيۋەنگە قارشى ھەر قانداق توقۇنۇشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىدىغان ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيە بازىسى بولغان گۇئام ئارىلىدا ئېھتىياجلىق بولغان ھاۋا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسىنىڭ كەمچىل ئىكەنلىكى تەكىتلەپ مۇنداق دېيىلدى: ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەيۋەندىكى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش يولىدا مېڭىۋاتىدۇ، ئەمما يۆنىلىشنى ئۆزگەرتىش كېچىكمەيدۇ.
دوكلاتقا قارىغاندا ، ئامېرىكا بۇ ئون يىلنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تەيۋەنگە قارشى ئۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە زۆرۈر تېپىلغاندا ئېلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايدىكەن. ئامېرىكا قۇرۇلتاي ۋە ئىجرائىيە ئورگانلىرى خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى «تۇتۇپ تۇرۇش» ياكى ئون يىل ئىچىدە تەييارلانمايدىغان تېخنىكىغا دو تىكىشتىن كۆرە، تىنچ ئوكياندا يېڭى مۇداپىئە ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويۇشى تەكىتلەندى.
توقۇنۇشنى باشلاشنىڭ 3 سەۋەبى
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلدى: نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئامېرىكىنى قايتىدىن ئۇرۇشقا پېتىپ قالىدىغان مۇداپىئە ۋەدىسىنى بېرىشنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇھىملىقى ۋە نىمە ئۈچۈن «يادرو قورالى بار بولغان» دۈشمەنگە قارشى كىچىك ۋە يىراق دۆلەتنى قوغدايدۇ؟ دىگەن سۇئاللارنى سورايدۇ. دوكلاتتا ئىككى تەرەپتىكى سىياسىي رەھبەرلەرنىڭ بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن 3 سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى تەۋسىيە قىلىندى.
- ئەگەر خىتاينىڭ تەيۋەننى كونترول قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنسا، ئامېرىكا خىتاينى «ئامېرىكا، ياۋروپا ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىغا قارشى ئىقتىسادىي ئۇرۇش» قىلىشى ئۈچۈن يېڭى قورال بىلەن تەمىنلىگەن بولىدۇ. چۈنكى تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ياساشنىڭ تايانچ كۈچى بولۇپ، دۇنيا رەقەملىك ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، تەيۋەن يېرىم ئۆتكۈزگۈچى نەچچە ئون مىليون ئىلغار ئىستېمال ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنا ۋە ھەربىي سىستېمىلارنى توك بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئامېرىكىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرى ئۆتكەن 30 يىلدا مەبلەغلىرىنى چېكىندۈرۈپ چىققانلىقتىن، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەننىڭ يېڭى ۋە يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلىرىغا تايىنىشى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ چوڭ بولدى. خىتاي ئاللىقاچان يېرىم ئۆتكۈزگۈچ شىركەتلىرىنىڭ كۆپىيىۋاتقان جايى بولۇپ، تەيۋەننى كونترول قىلىش دۇنيانىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىناتىغا خەتەرلىك مونوپوللۇق ئاتا قىلىدۇ. ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى ئىشخانىسىنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ئانالىزىغا قارىغاندا، ئەگەر خىتاي تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلسا، يەر شارى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تەخمىنەن %80 نى كونترول قىلىدىكەن. بۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سېتىۋېلىش ئارقىلىق «كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىش ، زۇلۇمغا ئۇچرىغان ئىقتىسادىي ئادەت ياكى مۇھىت بۇزغۇنچىلىقىنى تەنقىد قىلىدىغان ياكى ئۇنىڭغا جەڭ ئېلان قىلىدىغان» ھەر قانداق شىركەت، دۆلەت ياكى ھەربىي ئىشلاردا مەجبۇرلاش كۈچىگە ئىگە قىلىدۇ.
- 2- تەيۋەننىڭ تېنچ ئوكيانغا جايلاشقانلىقى، ئۇ يەردە يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ئۇ يەردىلا توختاپ قالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇ ئارال ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى ئارال زەنجىرى دەپ ئاتالغان. ياپونىيە ۋە فىلىپپىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ئاراللارغا قارشى ئۇرۇشتا ياردەم بېرەلەيدىغان ھالقىلىق مۇداپىئە ئوكياننى بەرپا قىلىپ، خىتاي ئارمىيىسىنىڭ ھاۋاي، گۇئام ۋە ئاۋىستىرالىيەگە تەھدىد ئېلىپ كېلىدىغان تېخىمۇ كەڭ سەپەرۋەرلىك ھەركىتىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ. ئەگەر تەيۋەن تاجاۋۇزغا ئۇچرىسا، ئامېرىكىنىڭ ياپونىيە ۋە فىلىپپىننى قوغداش ۋەدىسى تېخىمۇ قىيىنلىشىدۇ.
- 3- ئەگەر ئامېرىكا تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېنىدا تۇرالمىسا، بۇ ئۇنىڭ ئىناۋىتى ۋە تەسىرىنى بۇزىدۇ. مەۋجۇت دېموكراتىيەنى دۇنيادىكى «بىرىنچى پەسكەش كۈچ» دىن قوغدىيالمىسا، ئامېرىكىنىڭ بۈيۈك ھوقۇق ئورنىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە گۈللىنىش، ئەركىنلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇقنىڭ كاپالىتىنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى دۇنياۋى ئىستراتېگىيىنى يولغا قويۇپ، خىتاينى خەلقئارا سىستېمىنىڭ رەھبىرى قىلىپ ئامېرىكا بىلەن ئالماشتۇرۇشقا ئۇرۇنىۋاتىدۇ. ئەگەر ئامېرىكا 24 مىليون نوپۇسقا ئىگە تەيۋەندىن ئايرىلسا، بېيجىڭ بۇ مەغلۇبىيەتتىن پايدىلىنىپ ، خىتاي ئەندىزىسىنىڭ «مۇقەررەرلىكى» نى كۈچەيتەلەيدۇ.