يازغۇچى: Sertaç Aktan
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
01/03/2022
روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا خىتاينىڭ قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى ئەڭ قىزىق تېمىلارنىڭ بىرى.
خىتاي بىلەن روسىيە يېقىنقى ئون يىلدا شەرقىي ياۋروپانىڭ ئاساسىنى شەكىللەندۈرگەن ئىككى چوڭ دۆلەت. ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ھەربىي مۇناسىۋىتى ئىنتايىن قويۇق. خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ تۈۋرۈكلىرىنىڭ بىرى دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى بۇ يۆنىلىشتە بىر قاتار قاتتىق بايانلارنى ئېلان قىلدى. ئۇ تاجاۋۇزچىلىقنى تەستىقلىمىدى ھەم ئەيىبلىمىدى. خىتاي كونكېرت جازا سۈپىتىدە، ھازىرغا قەدەر پەقەت ئاممىۋى بانكىلارنىڭلا روسىيە تاۋارلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىنى چەكلەپ كەلدى.
مىنىستىرلىق ھازىر ۋەزىيەتنىڭ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى، جازانىڭ بىھۇدە ئىكەنلىكىنى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى ئىلگىرىكى روسىيە كونتروللۇقىدىكى رايونلارغا كېڭىيىش ئارقىلىق روسىيەنى بۇلۇڭ-پۇچقاققا قىستىغانلىقىنى، غەربنىڭ ئۇرۇشقا ئاساسلىق مەسئۇل ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى.
خىتاي ئۆزىنى ماھىيەتتە بىتەرەپ ئورۇنغا قويۇشنى خالايدۇ ۋە سۆھبەتنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بۇ سەۋەبتىن، ئۇنىڭ مەيدانى روسىيەگە قارشى تۇرغۇدەك دەرىجىدە كۈچلۈك ئەمەس.
روسىيە-خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى قانداق؟
رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا ، بېيجىڭ بىلەن روسىيەنىڭ سودا ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى%35.9 ئېشىپ، 146 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن. روسىيە يەنە خىتاي بىلەن سودا ئاكتىپ لېنىيەسىنى يولغا قويۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ نېفىت، تەبىئىي گاز، كۆمۈر ۋە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەنبەسىگە ئايلاندى.
2014-يىلى روسىيە ئۇكرائىنانىڭ قىرىمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغاندىن كېيىن جازا يۈرگۈزۈلگەندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سودىسى% 50 تىن كۆپرەك ئېشىپ، خىتاي روسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ ئېكسپورت قىلىدىغان جايىغا ئايلاندى.
خىتاي 2024-يىلغىچە ئومۇمىي سودىنى 200 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. قانداقلا بولمىسۇن ، روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇ ساننىڭ 250 مىليارد دوللارغا يېتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.
روسىيەنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گازنىڭ خىتايغا ئېكىسپورتى مۇقىم ئاشماقتا. روسىيە سەئۇدى ئەرەبىستاندىن قالسىلا خىتاينىڭ ئىككىنچى چوڭ نېفىت بىلەن تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى ، بۇلتۇر ئوتتۇرا ھېساب بىلەن كۈنىگە 1.59 مىليون تۇڭغا يېتىپ خىتاي ئىمپورتىنىڭ% 15.5 ى ئىگەللىدى.
بۇ ئېكسپورتنىڭ تەخمىنەن% 40 ى خىتاي قەرزى مەبلەغ سالغان 4070 كىلومىتىر شەرقىي سىبىرىيە تىنچ ئوكيان (ESPO) تۇرۇبا يولىدىن ئۆتىدۇ.
روسىيە يەنە خىتاينىڭ 3-نومۇرلۇق تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلىگۈچىسى بولۇپ، 2021-يىلى خىتايغا 16 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىر (bcm) يېقىلغۇ ئېكسپورت قىلىپ ، ئومۇمىي ئېھتىياجنىڭ تەخمىنەن% 5 ىنى قاندۇرىغان.
روسىيەنىڭ غەربكە تۇتىشىدىغان تەبىئىي گاز تۇرۇبا تورىغا ئۇلانمىغان «سىبىرىيەنىڭ كۈچى» تۇرۇبا يولى بىلەن تەمىنلەش 2019-يىلىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان بولۇپ، 30 يىل ئىچىدە 2021-يىلدا 10.5 مىليون كۇب مېتىر دىن 2025-يىلغىچە ھەر يىلى 38 مىليون كۇب مېتىرغا ئۆرلىشى مۇمكىن.
روسىيە موڭغۇلىيە ئارقىلىق خىتايغا تۇتىشىدىغان ئىككىنچى تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى «سىبىرىيە 2» نى قۇرۇشنى مەقسەت قىلماقتا.
روسىيە يەنە 2021-يىلى خىتاينى كۆمۈر بىلەن تەمىنلىگۈچى 2-ئورۇنغا ئۆتتى.
ئالدىنقى ئايدا پۇتىن خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى نېفىت ۋە تەبىئىي گاز كېلىشىمىنىڭ 117 مىليارد 500 مىليون دوللار بولىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
خىتاي قايسى مەنپەئەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرماقچى بولۇۋاتىدۇ؟
يىغىپ ئېيتقاندا، خىتاي بىلەن روسىيە ئىقتىسادى بىر-بىرىنى تولۇقلايدۇ. خىتاي ئىشلەپچىقىرىش كۈچ، ئەمما بايلىق كەمچىل ، شۇڭا روسىيە ئېنېرگىيىسىگە موھتاج. يەنە بىر تەرەپتىن ، رۇسىيەنىڭ زور ئېنېرگىيە زاپىسى بار، ئەمما ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى چەكلىك. ئۇ مەبلەغ سېلىش ۋە ئىقتىسادىي ئاساسىنى كېڭەيتىشكە ياردەمگە موھتاج.
ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە تاشقى سىياسەت مەسىلىسى ئېغىر، ئەمما ھەر ئىككى دۆلەت قارشى تەرەپنىڭ مەسىلىسىگە سەل قارايدۇ. يەنە كېلىپ خىتاي روسىيەنىڭ ئىلغار قوراللىرىنى ئاساسلىق سېتىۋالغۇچى.
مەلۇمكى، خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭ بىلەن روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ شەخسىي مۇناسىۋىتى قويۇق. مەسىلەن ، ئىككەيلەن 25-چىسلا تېلېفونلاشقاندا ئۇكرائىنا توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى، شىنىڭ پۇتىننى تەنقىد قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خىتاي روسىيەگە تاجاۋۇز قىلىشنى ئوچۇق-ئاشكارە قوللاشنىڭ باي دېموكراتىك دۆلەتلەر، ئامېرىكا، ياۋروپا بىرلەشمىسى ۋە ياپونىيە قاتارلىق ئاساسلىق سودا شېرىكلىرى بىلەن بولغان جىددىي مۇناسىۋىتىگە ئېغىر زىيان سالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
بۇ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت خىتاينىڭ 20-ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا ئىسلاھات ئېچىۋېتىش سىياسىتىنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئىلگىرىكىدىن ناچار. ئەگەر خىتاي روسىيە تەرەپتە تۇرسا، مەسىلەن ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش ياكى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە جازا قارارىنى رەت قىلىشقا قوشۇلسا، بۇ مۇناسىۋەتكە زىيان يەتكۈزىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
كۆپىنچە باي غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ھېس قىلىشى ۋە دۇنيادىكى قۇتۇپلىشىشنىڭ كۈچىيىشى مۇقەررەر. بۇ نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەر قانداق شەكىلدىكى ئالاقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى تولىمۇ قىيىنلاشتۇرۇشى مۇمكىن. پۈتۈن دۇنيا بىلەن سودا قىلىدىغان ۋە بۇ سودىغا ئېھتىياجلىق بولغان خىتاي بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىنى خالىمايدۇ.
خىتاينىڭ رۇسىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتى جازانى نېيتراللاشتۇرالامدۇ؟
خىتاينىڭ روسىيەگە دەرھال ياردەم بېرىشى مۇمكىن ئەمەس، ئەمما ئۇ روسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرىگە ساتالمايدىغان تەبىئىي گاز ۋە باشقا بايلىقلارنى ئۇزۇن مۇددەت سېتىۋالغۇچى بولۇشى مۇمكىن. خىتاي يەنە روسىيەنىڭ ئاشلىق ئىمپورتىغا بولغان چەكلىمىنى بوشىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، ئەمما بۇ ئاللىقاچان بىر مەزگىل تەتقىق قىلىنغان ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان. باشقىچە ئېيتقاندا ، ئۇنى ئىشغال قىلىشنى كونكرېت قوللاش دەپ ھېس قىلىش ئادەمنى قايمۇقتۇرىدۇ.
نېمىلا دېگەن بىلەن ، بارلىق بايلىقلارنىڭ ئېقىمىنى بىر كۈن ئىچىدە ئۆزگەرتىش مۇمكىن ئەمەس. بۇ تۇرۇبا يولىنى ياساشقا نۇرغۇن يىل ۋاقىت كېتىدۇ، شۇڭا خىتاي دەرھال شىمالىي ئېقىن 2 تۇرۇبا يولى ئارقىلىق توشۇلىدىغان تەبىئىي گاز قاتارلىق تەستىقلانغان بۇيۇملارنى سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن، كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا خىتايغا سودا ۋە ئېنېرگىيە ئېقىمىنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىشى جازانىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشى مۇمكىن.
پۇتىننىڭ تاجاۋۇزى شى جىنپىڭنى تەيۋەنگە بولغان بېسىمنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرالامدۇ؟
ھازىرغا قەدەر ئېلان قىلىنغان باياناتتا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئۇكرائىنا بىلەن تەيۋەننىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى بىر قانچە قېتىم ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. خىتاي تەيۋەننى ئۆز زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ ، ئۇكرائىنا بولسا ئۇنى پۈتۈنلەي ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ قارايدۇ.
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ۋە روسىيە فېدېراتسىيەسى چوڭ قۇرۇقلۇق كۆپ مىللەت ئىمپېرىيىسىنىڭ ئەۋلادلىرى. 20-ئەسىردە، خىتاي سۇلالىسى يىمىرىلگەندىن كېيىن، خىتاي موڭغۇلىيە ۋە تەيۋەندىن ئايرىلدى. خىتاي دۆلىتى ئەمدى موڭغۇلىيەنى تەلەپ قىلمايدۇ ، بەلكى تەيۋەننى داۋاملىق تەلەپ قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئىگىدارچىلىق قىلىدۇ.
ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ھەمكارلىشىشى مۇمكىنمۇ؟
ئەمەلىيەتچىل نۇقتىدىن ئالغاندا، ئامېرىكا بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن يۇقىرى قاتلاملىق سۆھبەت ئېلىپ بارالايدۇ. ئۇ بېيجىڭغا ئۆزىنىڭ دۇنياۋى باشلامچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەت ۋە رىقابەتتە بولىدىغانلىقىنى، «روسىيەگە ئوخشاش ئېنېرگىيە دۆلەت ئاپتونومىيىسىگە تايانماي» بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتەلەيدۇ.
ئەمما بۇ ئىشنىڭ يۈز بېرىشىدە ئازراق ئۈمىد بار، چۈنكى ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ مۇناسىۋىتى يېقىنقى پرېزىدېنت دونالد ترامپ دەۋرىدە ناچارلاشتى، شۇنىڭدىن كېيىن ياخشىلىنىش ئۈچۈن ئانچە كۆپ ئىش قىلىنمىدى.