2022-يىلى 13-مارت.. يەكشەنبە
خىتاي-ھىندىستان تالاش-تارتىشتىكى چېگرا لىنىيىسىدىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن 22 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتە، ئىككى تەرەپ 2020-يىلى 6-ئايدا ۋاقىتلىق مۇرەسسە قىلىپ ، توقۇنۇش يۈز بەرگەن چېگرانىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلدى.
ئىككى دۆلەت ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدىكى يۈقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەر سۆھبەتنىڭ 15-ئايلانمىسى 12-چسىلا مولدو-چۇشۇل چېگرا نۇقتىسىنىڭ ھىندىستان تەرىپىدە ئۆتكۈزۈلدى.
ھەر قايسى تەرەپلەر يىغىندىن كېيىن ئېلان قىلغان بىرلەشمە باياناتىدا، لاداخنىڭ شەرقىدىكى رايوننىڭ بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەربىي ۋە دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق دىئالوگنى ساقلاپ قېلىشقا قوشۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
12-يانۋار ئۆتكۈزۈلگەن 14-نۆۋەتلىك سۆھبەتنىڭ مەقسىتىنىڭ چېگرانىڭ غەربىدىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ، ئىككى تەرەپ باشلىقلارنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىغا كاپالەتلىك قىلىش توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلدى. دۆلەت قالغان مەسىلىلەرنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش، LAC نىڭ غەربنىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
2020-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى، ھىندىستاننىڭ لاداخ رايونىدىكى گالۋان ۋادىسىدا يۈز بەرگەن ھىندىستان ۋە خىتاي ئەسكەرلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشتا 20 ھىندىستان ئەسكىرى ئۆلگەن، خىتاي تەرەپ بولسا 4 ئەسكەرنىڭ توقۇنۇشتا ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
توقۇنۇشتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي قىسىملىرى چېگرادا ھوشيارلىقنى ئۆستۈردى ، ھىندىستان يەر يۈزىدىن قويوپ بېرىلگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبىدىن مۇداپىئەلىنىش سىستېمىسى ئورۇنلاشتۇردى، خىتاي ھاۋا زەمبىرەك ۋە تانكا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ جىددىيلىك دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قوشۇنغا ئىگە دۆلەتلەرنىڭ جامائەت پىكىرىدە «ئۇرۇش» دېگەن سۆزلەر بىلەن كۈچەيدى.
چېگرادىكى جىددىيلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى ئوتتۇرىسىدا سۆھبەت باشلاندى.
خىتاي-ھىندىستان چېگرا ماجىراسى
ھىمالايا تېغى بىلەن قورشالغان خىتاي بىلەن ھىندىستان ئوتتۇرىسىدىكى ئېنىقسىز چېگرا لىنىيىسى دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دەريا، كۆل، مۇزلۇق ۋە قارلىق چوققىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 3500 كىلومېتىرلىق چېگرا ھەمىشە تۇنۇقۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ ئارۇناچال پرادېش ئۆلكىسىدە 90 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق يەر تەلەپ قىلپ، بۇ يەرنى «جەنۇبىي شىزاڭ» دەپ ئاتايدۇ، يېڭى دېھلى ئاقساي خىتاي ئېگىزلىكىنىڭ 38 مىڭ كۋادرات كىلومىتىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەرەپلەر ئۇزۇن يىلدىن بۇيان ئىگىلىك ھوقۇق ماجىراسىنى ھەل قىلالمىدى.