بۈگۈن كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە، بوۋاقلارغا يىگۈزۈشكە ماس كىلىدىغان بىر خىل توقاچ پىشرۇقنى تۇنۇشتۇرىمىز؛ بۇ خىل توقاچقا سەۋزە، ياڭيۇ قوشۇپ تەييارلىنىدىغان بولۇپ، بوۋاقلارغا بەلگىلىك ئۇزۇقلۇق يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە ئۆزى يۇمشاق پىشىدىغان بولغاچقا، بوۋاقلارنىڭ ياقتۇرۇپ يىيىشىگە ئىرىشىدۇ.

كىتەرلىك ماتىريال: ياڭيۇ، سەۋزە، پىياز، ئۇن، تۇز، قارىمۇچ، خاسىڭ مېيى
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەم

سەۋزە ۋە پىيازنى ئۇششاق توغرايمىز؛
ئىككىنچى قەدەم

ياڭيۇنى ياپراقچە ھالىتىدە توغراپ، دۈملەش قازىنىدا دۈملەپ پىشۇرۋالىمىز؛ پىشقاندىن كىيىن، خېمىر يايغۇدا ئىزىپ خېمىر ھالىتىگە ئەكىلىمىز. مۇۋاپىق مىقداردا تۇز ۋە قارىمۇچ قوشۇپ، ئالدىدا توغراپ تەييارلىغان سەۋزە ۋە پىياز چانالمىسىنى ئۈستىگە قوشىمىز؛
ئۈچىنچى قەدەم

ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا ئۇن قوشۇپ، ئارىلاشتۇرۇپ خېمىر تەييارلايمىز؛
تۆتىنچى قەدەم

قولىمىزدا ئاۋال كىچىك قىلىپ يۇمىلاقلىۋالغاندىن كىيىن بېسىپ ئىزىپ، يۇمىلاق توقاچ ھالىتىگە ئەكىلىمىز؛
بەشىنچى قەدەم

قازانغا مۇۋاپىق ماي قۇيۇپ قىزىتىپ، توقاچ خېمىرىنى سېلىپ داغلايمىز؛ ھەر ئىككى يۈزىنى سارغايتىپ داغلاپ پىشۇرغاندىن كىيىن تەخسىگە ئالساق بولىدۇ.
ئالتىنچى قەدەم

بۇ خىل توقاچنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى بولۇپ، بوۋاقلارغا ناشتىدا يىگۈزۈشكە ماس كىلىدۇ.