ئاشپەز: مىنىڭ بىر نەۋرە ئاچام خىزمىتى ئالدىراش بولغانلىق سەۋەبىدىن، ھەمىشە يىمەك-ئىچمىكى قالايمىقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇزۇقلۇق جەھەتتىمۇ تەڭپۇڭ بولالماي قېلىپ، ئۇنىڭدا قان ئازلىق كىسىلى پەيدا قىلىپ قويدى. ئۇ ئادەتتە قارىماققىلا چىرايلىرى ئۆڭگەن، خۇددى بەدىنىدە ماغدۇر يوقتەك كۆرۈنەتتى. بۇنداق ئەھۋال، قوساق كۆتۈرگەندە تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ قالىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاياللار ئادەتتە ئۆزىنى كۈتۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بىرىشى لازىم. بۈگۈن كۆپچىلىككە، قان ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمى ئالاھىدە ياخشى بولغان “بەش قىزىل” شورپىسى تۇنۇشتۇرىمىز. بۇ يەردە ئېيتىلغان “بەش قىزىل”، قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات ۋە قىزىل شىكەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇ بەش خىل يىمەكلىك ماتىريالىنىڭ ھەممىسىنىڭ قان ماغدۇر تۇلۇقلاش ئۈنۈمى بار بولۇپ، بىرگە ماسلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلغاندا، ئۈنۈمى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.

ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ خىل شورپىنىڭ تەمىمۇ خېلىلا ياخشى بولۇپ، مەزىلىك شورپا ئىچكەچ، بەدىنىڭىزگە قارىتا تەڭشەش ئېلىپ بارالايسىز. ئەگەر قان ئازلىق كىسىلى بار ئاياللار بۇ شورپىنى ئىچسە، قان ۋە ماغدۇر تۇلۇقلاپ، ئۇلارنىڭ چىرايىنى بارغانسىرى قىزارتىدۇ. بۇ شورپىنىڭ تەييارلاش ئۇسۇلىمۇ تەس ئەمەس، تۆۋەندە كۆپچىلىككە، بۇ شورپىنى تەييارلاش ئۇسۇلىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.

كىتەرلىك ماتىريال: قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ، چىلان، ئالقات، قىزىل شىكەر
تەييارلاش ئۇسۇلى
بىرىنچى قەدەمدە، بارلىق ماتىرياللارنى يۇيۇپ پاكىزلايمىز. قىزىل پۇرچاقنى بولسا ئالدىنئالا بىر كىچە سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ قىزىل پوستلۇق پۇرچاقنى ئىككى سائەت بۇرۇن سۇغا چىلاپ قويىمىز؛ چىلان بىلەن ئالقاتنى يۇيۇپ پاكىزلاپ ئىشلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ قويىمىز.

ئىككىنچى قەدەمدە، ئالدى بىلەن قىزىل پۇرچاق، قىزىل پوستلۇق خاسىڭ ۋە چىلاننى قازانغا سېلىپ، ئۈستىگە مۇۋاپىق مىقداردا سۇ قۇيۇپ چوڭ ئوتتا قاينىتىمىز؛ قازان قاينىغاندىن كىيىن، ئوتتۇرا ھال ئوتقا تەڭشەپ، 40مىنۇت ئەتراپىدا قاينىتىمىز؛ قاينىتىپ قىزىل پۇرچاق يۇمشىغان، شورپىسى نىسبەتەن قويۇلغان ھالەتكە كەلگەندە، قىزىل شىكەر بىلەن ئالقاتنى سېلىپ يەنە بەش مىنۇت قايناتقاندىن كىيىن ئۇسۇپ ئالساق بولىدۇ.

قانداق، تەييارلاش راستىنلا ئاددىيمىكەن؟ قان ئاز ئاياللار بۇ شورپىنى چوقۇم ئىچىپ سىناپ كۆرۈڭ!