2022-يىلى 20-مارت ، يەكشەنبە
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن شى جىنپىڭ بىلەن ئۇكرائىنانى مەسىلىسى ئۈچۈن تېلېفونلاشتى.
بايدېن شىنى، خىتاي رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىشىنىڭ يامان ئاقىۋەت كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى بىلەن ئاگاھلاندۇردى.
تەخمىنەن 2 سائەت داۋاملاشقان تېلېفون سۆھبىتىدە، ئىككى تەرەپنىڭ كرىزىسنى دىپلوماتىك ھەل قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىگەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پرېزىدېنت بايدىننىڭ ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلغانلىقىغا بەدەل تۆلىشى ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى تەپسىلىي چۈشەندۈرگەنلىكى كۆرسىتىلدى.
- بايدىن ياۋروپادىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتاينىڭ مەيدانىنى مۇزاكىرە قىلدۇ
ئاقساراي باياناتچىسى جېن پساكىمۇ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بايدىن-شى ئۇچرىشىشىنىڭ «شىجىنپىڭنى روسىيەگە ياردەم قىلماسلىققا قايىل قىلىش ئۈچۈن» ئەمەسلىكىنى تەكىتلىدى.
باياناتچى جېن پساكى مۇنداق دېدى: پرېزىدېنت بايدىن كېلەر ھەپتە ياۋروپا زىيارىتى جەريانىدا ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن خىتاينىڭ روسىيە بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئانتونىي بىللىنكېن خىتاينىڭ ئۇكرائىنادا ئىشلىتىلىشى ئۈچۈن روسىيەگە بىۋاسىتە ھەربىي ئەسلىھە ياردىمى بېرىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى، بېيجىڭ بولسا بۇنى رەت قىلدى.
ۋاشىنگىتون يەنە خىتاينىڭ روسىيەنىڭ غەرب دۆلەتلىرى يولغا قويغان ئىقتىسادىي جازادىن قېچىشىغا ياردەم بېرىش مۇمكىنچىلىكىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
- شى: ئۇكرائىنا كرىزىسى بىز كۆرۈشنى خالايدىغان ئەھۋال ئەمەس
خىتاي باياناتىدا، ئۇكرائىنانىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنى تەكىتلىدى ، ئەمما روسىيەنىڭ ئۇكرائىنادىكى ھەرىكىتىنى تاجاۋۇزچىلىق دەپ تەسۋىرلەشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
بېيجىڭ روسىيەنىڭ قانۇنلۇق بىخەتەرلىك ئەندىشىسى بارلىقىنى ۋە بۇ ئەندىشىلەرنى ھەل قىلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، كرىزىسنى دىپلوماتىك ھەل قىلىشقا چاقىردى.
خىتاي دۆلەت تېلېۋىزىيىسى يەنە شى جىنپىڭنىڭ كۆرۈشۈشتە بايدىنغا ئۇكرائىنادىكىگە ئوخشاش زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنىڭ ھېچكىمنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلدى.
شى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «ئۇكرائىنا كرىزىسى بىز كۆرۈشنى خالايدىغان ئەھۋال ئەمەس.
ئۇكرائىنا ئاللىقاچان ئاۋارىچىلىققا تولغان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە يەنە بىر سەھنە ئاچتى. ئاقساراي دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا رىمدا خىتاينىڭ تاشقى سىياسەت مەسلىھەتچىسى ياڭ جيېچى بىلەن يەتتە سائەتلىك ئۇچرىشىشتا روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشى ۋە باشقا مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي دۇنيادىكى ئىككى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە. ۋاشىنگىتون ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يېڭى سوغۇق ئۇرۇشتىن ئەنسىرەيدۇ.