مەنبە: ئانادولو ئاگېنتلىقى
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022-يىلى 20-مارت ، يەكشەنبە
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سالمان ئوتتۇرىسىدىكى «سوغۇق مۇناسىۋەت» داۋاملىشىۋاتقاندا، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى گەرچە كېچىكىپ باشلانغان بولسىمۇ، ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىققا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە.
ئامېرىكىدا چىقىدىغان «ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي، سەئۇدىنىڭ خىتايغا نېفىت ئېكسپورتىنى خىتاي پۇلى ئارقىلىق قىلىش توغرىسىدا سۆھبەتلىشىۋاتقان ئىكەن. خەۋەردە يەنە، ئەگەر بۇ ئىش ئەمەلىيلەشسە «يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئىنقىلاب خاراكتېرلىك قەدەم» دەپ كۆرسىتىلدى ھەمدە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاشلانغان بۇ قەدەمنىڭ نېفىت سودىسىدىكى ئاساسلىق پۇل بولغان دوللارنىڭ ئورنىنى مۇقىمسىزلاشتۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇ ئەھۋال ۋاشىنگتوننىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان نارازىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
گېزىتنىڭ بۇ توغرىسىدىكى خەۋەرلىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشكە تەكلىپ قىلغانلىقى ۋە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنىڭ رىياد بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ تېخىمۇ يىرىكلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىردىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇزۇلغان مۇناسىۋەتتىن ھەربىي ھەمكارلىققىچە
گەرچە خىتاي ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئۇزۇندىن بۇيان ئۈزۈلۈپ قالدى.
1949-يىلى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان تەيۋەنگە جايلاشقان مىللىي خىتاي ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئامېرىكا تەرەپتە تۇرۇپ، 1975-يىلغىچە يىراق شەرقتىكى بۇ دۆلەتنى رەسمىي ئېتىراپ قىلمىدى.
رىياد ھۆكۈمىتى دەسلەپتە تەيۋەننى ئېتىراپ قىلغاچقا، خىتاينى رەسمىي ئېتىراپ قىلىپ 15 يىلدىن كېيىن ئۆز-ئارا باش ئەلچى تەيىنلەش ئېلىپ بېرىلدى. بۇ جەرياندا 1980-يىلغىچە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋىتى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، ئامېرىكىنىڭ F-15كۈرەشچى ئايروپىلانى ئۈچۈن ماي باكىنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا سېتىشنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبىدىن رىياد بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك كرىزىستنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ ماي باكىنى سېتىۋېلىشتا باشقا دۆلەتلەرنى ئىزدەۋاتقان سەئۇدى ئۈچۈن «خىتاي» تاللاش ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم نامزاتلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى، خىتاينىڭ رىياد ھۆكۈمىتىگە يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان 50 بىلەن 60 ئارىسىدا «دوڭفېڭ 3» تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سېتىش كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ئۈچ يىلدىن كېيىن، يەنى 1985-يىلى 11-ئايدا تۇنجى قېتىملىق رەسمىي ئۇچرىشىشى ئوماندا ئۆتكۈزۈلگەن.
ئامېرىكا 1988-يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندا خىتاي ياسىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا بازىسىنى بايقىشى، ۋاشىنگتون بىلەن رىياد ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە يەنە بىر كرىزىسنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، شۇنداق بولىشىغا قارىماستىن سەئۇدى ئەرەبىستان بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق ساقلاپ كەلدى.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت 1990-يىللىرى سەئۇدى ئەرەبىستان تەيۋەن بىلەن 40 يىلغا يېقىن داۋاملاشقان مۇناسىۋەتنى ئۈزگەندىن كېيىن باشلاندى.
2016-يىلى خىتاي پرېزىدېنتى شى جىنپىڭنىڭ رىياد زىيارىتىدىن كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 2017-يىلى خىتايغا قىلغان رەسمىي زىيارىتى بىلەن مۇناسىۋىتى جانلاندى.
ئامېرىكىنى تاللاشنىڭ ئورنىغا « خىتاي »
«ۋاشىنگتون پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي بىلەن سەئۇدى پادىشاھ سالماننىڭ زىيارىتى جەريانىدا 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالىغان.
ئامېرىكا رىيادنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلەشنى رەت قىلغانلىقتىن، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئوتتۇرسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ئىچىدە خىتاينىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاۋۇتى قۇرۇش پىلانىمۇ بار ئىكەن.
ئامېرىكا سابىق پرېزىدېنتى دونالد ترامپ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ باشقا دۆلەتكە مۇراجىئەت قىلماسلىقى ئۈچۈن تىنچ يادرو پىلانىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىشكە قوشۇلدى. ئەمما مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىدى.
«ۋال كوچىسى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سەئۇدى ئەرەبىستان 2020-يىلى خىتاينىڭ ياردىمى بىلەن تىنچ يادرو ئەسلىھەلىرى قۇرۇشقا باشلىغان.
ئامېرىكا CNN قانىلىنىڭ 2021-يىلى 9-ئايدىكى خەۋىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەت ۋە ئامېرىكا ئىستىخبارات ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان خىتاينىڭ ياردىمىدە باللىستىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان.
خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكىنىڭ باياناتچىسى ساۋ لىچېن: «خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستراتېگىيىلىك شېرىك، ھەربىي سودا قاتارلىق ساھەلەردە دوستانە ھەمكارلىقنى ساقلايدۇ.»
سودا مىقدارى 22 ھەسسە ئاشتى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى 2000-يىلى 3 مىليارد دوللار بولغان بولسا، 2020-يىلى 67 مىليارد دوللارغا ئۆرلىگەن بولۇپ، 20 يىلدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئومۇمىي سوممىسى 22 ھەسسە ئاشقان.
خىتاي سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى، ئۇنىڭدىن قالسا ئامېرىكا. سەئۇدى ئەرەبىستان بولسا خىتاينىڭ غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ سودا ھەمراھى.
سەئۇدى ئەرەبىستان يېقىنقى يىللاردا، خىتاينىڭ قوشنىسى ۋە ئىتتىپاقدىشى روسىيەدىن ئېشىپ، يىراق شەرق دۆلىتىگە ئەڭ كۆپ نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلاندى.