يازغۇچى: ئافغانىستان مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئابدۇللاھ ئەززام
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇراھمان
2022-يىلى 24-مارت پەيشەنبە
ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندىكى 20 يىللىق ئىشغالىيىتى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، «گۈللەنگەن ۋە بىر قەدەر مەدەنىيەتلىك» ياۋروپا دۆلىتى بولغان ئۇكرائىنا، شەرقىي قوشنىسى روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىدى.
روسىيە ئەسكەرلىرى ئۇكرائىنا تۇپرىقىغا قەدەم باسقاندا، ئاياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مىڭلىغان پۇقرالار قوللىرىغا قورال ئېلىپ يۇرتىنى قوغدىدى. ھەر قايسى قىتئەلەردىن كەلگەن يۈزمىڭلىغان «پىدائىيلار» ھەر ئىككى تەرەپكە قوشۇلۇشنى ۋە ئۇلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
- «ئىككى تاجاۋۇزچىلىققا قارىتا ئوخشىمىغان ئىنكاسلار».
مەن بۇ قۇرلارنى يازغىنىمدا، ئۇكرائىنانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇرۇش داۋاملاشماقتا. شىددەتلىك ھۇجۇملارنىڭ شەھەرلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئەگىشىپ، روسىيە قىسىملىرى كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. نەق مەيداندا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋە ئۇرۇش جىنايىتى مەلۇم قىلىندى. ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان 2 مىليون 500 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۇكرائىنادىن قېچىپ كەتتى، سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىدە ئۇل-ئەسلىھە ۋە ئولتۇراق رايونلارنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى كۆرسىتىلدى.
20 يىل ئىلگىرى، دەل مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ئافغانىستاندا يۈز بەرگەن.
يېزا ۋە شەھەرلەر قاتتىق بومباردىمان قىلىندى، پۇقرالار قىرغىن قىلىندى. يۈزمىڭلىغان كىشىلەر باشقا دۆلەتلەر ۋە باشقا جايلارغا بىخەتەر پاناھلىنىش ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىدىن قېچىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش جىنايىتى سادىر بولۇپ، نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن نۇرغۇن ئافغانىستانلىقلار مۇددەتسىز قامالدى.
ئافغانىستانلىقلار ۋەتىنىنى قوغداش ئۈچۈن قورال ئېلىپ، چەتئەل كۈچلىرىنىڭ رەھىمسىز ھۆكۈمرانلىقىنى رەت قىلدى.
گەرچە ئافغانىستان ۋە ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشلار ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئىككى قېتىملىق تاجاۋۇزچىلىققا قارىتا دۇنيانىڭ ئىنكاسى پۈتۈنلەي باشقىچە بولدى.
مەن روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى 24-فېۋرال باشلانغاندىن بۇيان ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتىمەن.
خەلقئارالىق «مەدەنىيەتلىك» جەمئىيەتنىڭ ئىككى تاجاۋۇزچلىققا بولغان بىر تەرەپلىمىلىك ۋە ئىرقچىلىق ئىنكاسى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. ئافغانىستان 40 تىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا، بۇ ھۇجۇم «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» ۋە «ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىدنى يوقىتىش» دەپ قانۇنلاشتۇرۇلغان. ئەمما ئۇكرائىنا ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا، پۈتۈن دۇنيا پۇتىننىڭ ھەرىكىتىنى قاتتىق ئەيىبلەپ، ئۇنى «تاجاۋۇزچى» ۋە «ياۋروپا تارىخىدىكى بۇرۇلۇش نۇقتىسى»، «ئۇرۇش ئوتىنى ياۋروپاغا قايتۇرۇپ كەلگەن ۋەقە» دەپ تەسۋىرلىدى.
مەن روسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىغا باھا بېرىشنى خالىمايمەن، چۈنكى دۇنيا بۇ تېمىدا ئېھتىياجدىن ئارتۇق سۆزلىدى.
ئەمما شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ئامېرىكا ئافغانىستان ۋە ئىراقتا ئۆزىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ، پۇتىن بولسا ئۇكرائىنا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ قوينىغا چۈشۈپ كەتسە، ئۆز دۆلىتىنىڭ خەتەر ئىچىدە قالىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. نېمە ئۈچۈن بىر تاجاۋۇزچىلىق قانۇنلۇق، يەنە بىر تاجاۋۇزچىلىق قانۇنسز بولىدۇ؟
- «ئىككى يۈزلىمىچىلىك»
ئۇكرائىنالىقلارغا ئوخشاش، ئافغانىستانلىقلارمۇ قاتتىق ئازابلاندى. پاكتىيا ۋىلايىتىگە ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇمدا قازا قىلغان ئانىنىڭ يېرىلىپ كەتكەن قورسىقىدىن چىققان ئۆلۈك بوۋاقنى ئۇنتۇپ قالغىلى بولمايدۇ.
2018-يىلى 4-ئاينىڭ 2-كۈنى، قۇندۇزدىكى ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىنى بومباردىمان قىلىش ۋەقەسىدە 30 دىن ئارتۇق پۇقرا قازا قىلدى. 2012-يىلى 3-ئايدا، بىر ئامېرىكا ئەسكىرى قەندىھارنىڭ پېنۋېي رايونىدا 16 پۇقرانى ئۆلتۈرۈپ، ئۇلارنىڭ جەسىتىنى كۆيدۈردى. بۇنىڭغا ئوخشاشلا ئۇكرائىنادا پۇقرالارنى ئۆلتۈرۈش، ئولتۇراق رايون ۋە تۇغۇت دوختۇرخانىلىرىنى بومباردىمان قىلىش ۋەقەلىرى يۈز بەردى. ھامىلدار ئايالنىڭ بالىسى بىلەن قازا قىلغان ھېكايىسى كىشىنى ئېچىندۇرىدۇ. بەختكە يارىشا، دۇنيا ئۇكرائىنانىڭ رۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغانلىقىنى بىلىدۇ.
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتى (ICC) ، يەر شارى رەھبەرلىرى، قانۇن ۋە جازالارنىڭ بۇنىڭغا ئوخشىغان تاجاۋۇزچىلىق ھۇجۇمغا قارشى ئاكتىپ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغىنى شۇكى، بۇ ۋەھشىيلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئافغانىستاندا 20 يىل يۈز بەرگەن بولسىمۇ، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، دۇنيا جامائىتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى پۈتۈنلەي سۈكۈتتە تۇردى.
ئافغانىستانلىقلار باشتىن كەچۈرگەن بۇ قاباھەتلىك چۈشلەردىن كېيىن، ئىنسانىيەتنىڭ بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشقا سەل قارالغان بىر «ئورمانلىقتا ياشىغانلىقىمىز» ھەققىدىكى پەرەزنىڭ خاتا ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. مەسىلىنىڭ كۆزىمىز، چېچىمىز ۋە تېرىمىزنىڭ رەڭگىدە ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە ھەيران قالدۇق. ئەگەر ئافغانىستانلىقلار سېرىق ۋە كۆك كۆزلۈك بولسا ياكى دۇنيانىڭ «مەدەنىيەتلىك» رايونىدا ياشىغان بولسا، ئۇرۇش جىنايىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۈنۈملۈك جازالاش، شۇنداقلا ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشنىڭ «تېرورلۇق» ئەمەس بەلكى ھوقۇق ئىكەنلىكىدەك ئىشلار يۈز بېرەتتى.
ئۆتكەن 20 يىلدا ئۇلارنىڭ ئېچىنىشلىق ھاياتىنى كۆزدە تۇتقاندا، ئافغانىستانلىقلار دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ ئۇكرائىنانى قوللاشقا ۋە روسىيەگە جازا يۈرگۈزۈشكە ئاتلانغانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. ۋەتىنىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن كۈرەش قىلغان بولۇشىغا قارىماي، ئافغانىستاندا ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنىڭ ئوخشىشى يۈز بەرگەندە بولسىمۇ، دۇنيانىڭ قوش ئۆلچىمى ۋە ئۆزىگە خاس يۈزسىزلىككە دۇچ كەلدى.
- «خەلقئارالىق ئورگانلار بىز ئۈچۈن ئەمەس»
ئەركىنلىك كۈرىشى ئۈچۈن قورال ئالغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرى، غەرب تاراتقۇلىرى تەرىپىدىن قەھرىمان دەپ تەرىپلەندى ۋە ئىلھاملاندى.
ئافغانىستانلىقلار ۋە پەلەستىنلىكلەر ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرغاندا «تېرورچى» دەپ ئاتالدى، مىڭلىغان كىشى پەقەت تالىبانلارغا يېمەكلىك بەرگەنلىكى ئۈچۈن ئافغانىستاندا تۈرمىگە تاشلاندى. روسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ باشلىنىشىغا ئەگىشىپ، ھېسسىياتچان ياۋروپالىقلار ئۇكرائىنالىق مۇساپىرلارغا ھېسداشلىق قىلدى. ئافغانىستان، سۈرىيە، ئېفىيوپىيە ۋە پەلەستىنلىك ئۇرۇش مۇساپىرلىرى قېچىشقا مەجبۇر بولغاندا باشقىچە ئىنكاسلارنى كۆردۇق.
بۇ كىشىلەر ئېتىۋېتىلدى ۋە غەرب ساقچىلىرى تەرىپىدىن دېڭىزغا غەرق قىلىندى. بىز ھەتتا ئۇكرائىنادىن قاچقان قارا تەنلىك مۇساپىرلارغا كەمسىتىش خاراكتېرلىك مۇئامىلىگە شاھىت بولدۇق.
مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇرۇش مۇساپىرلىرىغا بولغان كەمسىتىش ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش پوزىتسىيىسى قىلچە ئىككىلەنمەستىن يۇقىرى ئاۋازدا ياڭرىتىلدى، ئۇكرائىنادىن قاچقانلار ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە، ياخشى كىيىنگەن، باياشات تۇرمۇش كەچۈرگەن خىرىستىيان دىنى مۇرىتلىرى، باشقا دۆلەتلەردىن قېچىپ چىققانلارنىڭ بولسا بۇ ئالاھىدىلىكلىرى يوق.
بۇ ئادالەتسىزلىك ۋە بىر تەرەپلىمە قاراش ئالدىدا، بىز ئافغانىستانلىقلار، پەلەستىنلىكلەر، لىۋىيەلىكلەر، سومالىلىقلار، سۈرىيەلىكلەر، ئىراقلىقلار ۋە كەشمىرلىكلەر ئۈچۈن خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قۇرۇلمىغانلىقىغا شاھىد بولدۇق. بەلكى بۇ ئورگانلار پەقەت كۆك كۆزلۈك، سېرىق چاچلىق ۋە ئاق تەنلىك كىشىلەرنىڭ ھاياتى خەتەرگە يولۇققاندىلا ئىشقا چۈشىدىغانلىقىنى كۆردۇق.