مەنبە: Yeni Delhi/Şarku’l Avsat
تەرجىمە قىلغۇچى: ئەركىن
2022-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى، سەيشەنبە
ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىنغا، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان يىمەكلىكنىڭ يېتىشمەسلىك ۋە باھانىڭ ئۆرلىشىگە قارىتا، دۆلىتىنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئاشلىق يەتكۈزۈشكە تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.
مودى مۇنداق دېدى: ھىندىستاننىڭ 1 مىليارد 400 مىليون نوپۇسى ئۈچۈن يېتەرلىك ئاشلىق بار، ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى رۇخسەت قىلسا، ھىندىستان دۇنيانى ئاشلىق زاپىسى بىلەن تەمىنلەشكە تەييار.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يېمەكلىك ۋە دېھقانچىلىق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يەر شارىدىكى ھوسۇلى مەسىلىسى سەۋەبىدىن ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن ئىلگىرىلا تاۋار باھاسى 10 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە بولغان. ئۇرۇشتىن كېيىن، بۇ باھا يەنە شىددەت بىلەن ئۆرلەپ، 1990-يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى.
روسىيە بىلەن ئۇكرائىنا دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ بۇغداي ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بولۇپ، يەر شارى يىللىق بۇغداي سېتىلىش مىقدارىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى، يەر شارى يىللىق ئاپتاپپەرەس مېيى ئېكسپورتىنىڭ % 55 نى، كۆممىقوناق ۋە ئارپا ئېكسپورتىنىڭ% 17 نى ئىگىلەيدۇ.
UNFAO نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ يىل بىرلىكتە 14 مىليون توننا بۇغداي ۋە 16 مىليون توننىدىن ئارتۇق كۆممىقوناق ئېكسپورت قىلىشى مۆلچەرلەنگەن.
UNFAO نىڭ ئىقتىسادشۇناسى Upali Galketi Aratchilage مۇنداق دېدى: «ھىندىستان يېتەرلىك بۇغداي زاپىسى بولغاچقا تېخىمۇ كۆپ ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنالايدۇ» دېدى.
ھىندىستان دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ گۈرۈچ ۋە بۇغداي ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەت. 4-ئاينىڭ بېشىدا، ھىندىستاننىڭ قولىدا 74 مىليون توننا گۈرۈچ ۋە بۇغداي بار ئىدى.
ھىندىستان يەنە دۇنيادىكى ئەڭ ئەرزان بۇغداي ۋە گۈرۈچ بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ بىرى.
ئۇ ھازىر تەخمىنەن 150 دۆلەتكە گۈرۈچ، 68 دۆلەتكە بۇغداي ئېكسپورت قىلىدۇ. ھىندىستان 2020-2021-يىللىرى تەخمىنەن 7 مىليون توننا بۇغداي ئېكسپورت قىلغان.
ئالاقىدار تارماقلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خەلقئارا بازاردىكى ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىغا قارىتا، سودىگەرلەر ئاپرېل-ئىيۇل ئايلىرىدا 3 مىليون توننىدىن ئارتۇق بۇغداي ئېكسپورت قىلىش توختامى ئىمزالىغان.
ھىندىستان خەلقئارا ئىقتىسادىي تەتقىقات كېڭىشىنىڭ دېھقانچىلىق پروفېسسورى ئاشوك گۇلاتىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ھىندىستاننىڭ بۇ يىل 22 مىليون توننا گۈرۈچ ۋە 16 مىليون توننا بۇغداي ئېكسپورت قىلىش ئىقتىدارى بار ئىكەن.
گۇلاتى مۇنداق دېدى: «ئەگەر دۇنيا سودا تەشكىلاتى دۆلەت ئاشلىق زاپىسىنى ئېكسپورت قىلىشقا يول قويسا، ھىندىستان يىمەكلىك باھاسىنى تۆۋەنلىتىپ، دۇنيادىكى بوغداي ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىدۇ» دېدى.
ئەمما ھىندىستاننىڭ ئاشلىق كرىزىسىنى ھەل قىلىش مەسىلىسىدە يەنىلا بىر قىسىم قىينچىلىلارغا دۇچ كېلىدۇ.
دېھلىدىكى ئاقىللار ئامبىرى سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى خارىش داموداران مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ھازىر يېتەرلىك ئاشلىق زاپىسىمىز بار. ئەمما بەزى ئەندىشىلەر بار، بىز دۇنيانى تەمىنلەشتە چەكتىن ئېشىپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك».
داموداراننىڭ سۆزىگە قارىغاندا، بىرىنچىدىن، ئوغۇت يېتىشمەسلىك ۋە ھاۋارايى شارائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن ھوسۇلنىڭ مۆلچەردىكىدىن ئاز بولىدىغانلىقىدىن ئەندىشە قىلىنغان.
داموداران مۇنداق دېدى: «مېنىڭچە بىز ئىشلەپچىقىرىشنى مۇبالىغە قىلىۋاتىمىز».
ھىندىستاننىڭ يېڭى بۇغداي پەسلى باشلاندى ، ئەمەلدارلار 111 مىليون توننا ھوسۇل ئېلىشنى مۆلچەرلىدى.
بەزى مۇتەخەسسىسلەر داموداراننىڭ ئەندىشىسىنى قوللاپ مۇنداق دېدى: ئۇرۇشتىن كېيىن ھىندىستاننىڭ ئوغۇت زاپىسى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى.
ھىندىستان چەتئەلدىن ئاممونىي فوسفات، ئازوت، فوسفات، گۈڭگۈرت ۋە كالىي بولغان ئوغۇتلارنى ئىمپورت قىلىدۇ.
رۇسىيە ۋە بېلورۇسىيە دۇنيا كالىي ئېكىسپورتىنىڭ %40 نى ئىگىلەيدۇ. دۇنيا مىقياسىدىن قارىغاندا، تەبىئىي گاز باھاسىنىڭ ئۆرلىشى سەۋەبىدىن ئوغۇت باھاسى ئاللىقاچان يۇقىرى ئۆرلەپ بولغان.
ئوغۇت يېتىشمەسلىك كېيىنكى ھوسۇل مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىشقا ئاسانلا تەسىر كۆرسىتىدۇ.
داموداران مۇنداق دېدى: بۇ قىيىنچىلىقنى ئايلىنىپ ئۆتۈشنىڭ بىر ئۇسۇلى بولسا ھىندىستان، مىسىر ۋە ئافرىقا قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن «ئوغۇت قارشىلىقىدا بۇغداي كېلىشىمى» تۈزۈش كېرەك. ئەگەر ئۇرۇش داۋاملاشسا، ھىندىستان ئېكسپورتنى ئاشۇرۇشتا ئارقا سەپ تەمىناتى قىس بولۇشىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.
ئاراتچىلاگې مۇنداق دېدى: «ئەگەر ئۇرۇش داۋاملاشسا، ھىندىستاننىڭ زور مىقداردىكى ئاشلىق ئېكسپورتى توشۇش، ساقلاش ۋە پاراخوت قاتارلىق غايەت زور ئۇل ئەسلىھەلەرگە ئېھتىياجلىق بولغاچقا، ئېكسپورتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئارقا سەپ خىرىسىغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن».
ئاخىرىدا، ھىندىستاندا يېمەكلىك باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن ئەندىشە قىلىنماقتا. 3-ئايدىكى پۇل پاخاللىقى 16 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى. بۇ ئاساسلىقى يېمەكلىك، ماي، كۆكتات، دان، سۈت، گۆش ۋە بېلىقلارنىڭ باھاسىنىڭ ئۆسۈشىدىن كېلىپ چىققان.
ئاقىللار ئامبىرى IFPRI نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى يەر شارىنىڭ يېمەكلىك كرزىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۋېتىشى مۇمكىن.
UNFAO نىڭ مۆلچەرىچە، روسىيە ۋە ئۇكرائىنادىن بۇغداي، ئوغۇت ۋە باشقا تاۋارلارنىڭ ئېكسپورتىنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلۇشى دۇنيادىكى ئوزۇقلۇق يېتىشمىگەنلەرنىڭ سانىنى سەككىز مىليوندىن 13 مىليونغا كۆپەيتىشى مۇمكىن.
گەرچە مول زىرائەتلەر ۋە يېمەكلىك زاپىسى بولسىمۇ، ھىندىستاندىكى ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق بالىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىكى ئەھۋالى مەۋجۇت.