2022-يىلى 4-ئاينىڭ 24-كۈنى، يەكشەنبە
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي «روسىيە ئۇكرائىنادىن كېيىن باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئۇكرائىنالىقلارنى روسىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشقا چاقىردى. زېلېنسكىي 22-چسلا كەچتە تارقاتقان سىنلىق ئۇچۇردا كۆپچىلىكنىڭ ئىشغالىيەتكە قارشى تۇرۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «رۇسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشقا بولمايدۇ» دەپ كۆرسەتتى. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى رسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ كونتروللۇقىدىكى رايونلاردا ياشايدىغانلاردىن «ئىمكانقەدەر روسلارغا ئاۋارىچىلىق تۇغدۇرۇشنى» تەلەپ قىلدى. ئۇكرائىنانىڭ شېرىكلىرىنىڭ ئاخىرى ئۆزىگە لازىملىق قوراللارنى ئەۋەتكەنلىكىنى ۋە بۇنىڭ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى بايان قىلغان زېلېنسكىي بۇ تېمىدا باشقا تەپسىلاتلارنى بەرمىدى.
- « روسىيە باشقا دۆلەتلەرگە تاجاۋۇز قىلىدۇ»
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى، روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ يېڭى باياناتىنى تىلغا ئېلىپ، موسكۋانىڭ ئۇكرائىناغا تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ پەقەت بىر باشلىنىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە «روسىيە باشقا دۆلەتلەرغىمۇ تاجاۋۇز قىلىشنى خالايدۇ» دېدى. زېلېنسكىي مۇنداق دېدى: “ھاياتنىڭ بىزدەك ئۆلۈم ئۈستىدىن غالىب كەلگەنلىكىگە ئىشىنىدىغان بارلىق دۆلەتلەر چوقۇم بىز بىلەن كۆرەش قىلىشى ۋە ياردەم قىلىشى كېرەك ، چۈنكى بىز بىرىنچى ئورۇندا تۇرىمىز. ئۇنداقتا بىزدىن كېيىن كىم تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچۇرايدۇ؟”
روسىيە تاراتقۇلىرى، روسىيە مەركىزى ھەربىي رايونىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى رۇستەم مىننېكايېفنىڭ موسكۋانىڭ دونباس ۋە ئۇكرائىنانىڭ جەنۇبىدىكى مارىپولدىن ئودېسساغىچە بولغان ئارلىقنى تولۇق كونترول قىلىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتقان سۆزىگە ئورۇن بەردى. مىننېكايېف بۇنداق بولغاندا روسىيەنى قوللايدىغان « Transdinyester جۇمھۇرىيىتى» بىلەن قۇرۇقلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. مولدوۋا بىلەن ئۇكرائىنانىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان ۋە 1990-يىلى مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغان Transdinyester نىڭ مۇستەقىللىقى ھېچقانداق دۆلەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنمىغان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ روسىيە پۇقرالىرى تۇرىدىغان رايونغا روسىيە ئەسكەرلىرى ئورۇنلاشقان.
روسىيەنىڭ بۇ باياناتىدىن كېيىن، مولدوۋا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، روسىيە باش ئەلچىسىنىڭ مىنىستىرلىككە چاقىرتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مىنىستىرلىكنىڭ باياناتىدا، «مولدوۋا بىتەرەپ دۆلەت، روسىيە فېدېراتسىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق خەلقئارالىق «ئارتىسلار» چوقۇم بۇ پرىنسىپقا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېيىلدى.
- مارىيۇپولدىكى پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقى داۋاملاشماقتا.
ئۇكرائىنا، روسىيە ئەسكەرلىرى ئاساسەن كونتروللىقىغا ئالغان مارىيپولدىن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تەييارلىق قىلماقتا. ئۇكرائىنانىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشۇك 21- چسىلا تېلېگراممىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «بۈگۈن بىز يەنە بىر قېتىم ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنى تارقاقلاشتۇرۇشقا تىرىشۋاتىمىز» دىگەن ئىبارىلەرنى قوللاندى. ئەگەر ھەممە ئىشلار پىلاندىكىدەك بولسا، پوقرالارنى چۈشتە تارقاقلاشتۇرۇشنى باشلايدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋېرېشۇك، پۇقرالارنى پورت شەھىرىدىكى سودا مەركىزىگە يېقىن تاشيولغا يىغىلىشقا چاقىردى.
- گۇتېررېس موسكۋا ۋە كىيېۋنى زىيارەت قىلىدۇ
يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسنىڭ سەيشەنبە كۈنى موسكۋاغا بېرىپ، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇكرائىنانىڭ تىنچلىقىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقى بايان قىلىندى. بۇ زىيارەتتىن كېيىن، گۇتېررېسنىڭ ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋغا بارىدىغانلىقى ۋە بۇ يەردە زېلېنسكىي بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن.