1.1K
ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ئائىلىلەرنىڭ كىچىكلىشى ۋە پۇقرالارنىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ ، نوپۇسنىڭ 2025-يىلغا بارغاندا ئازىيىشقا باشلايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولغان خىتاي نوپۇس كىرىزىسىنىڭ گىردابىغا بېرىپ قالدى، گەرچە دائىرىلەر 2016-يىلى «بىر بالا» سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۈچ بالىغا يول قويغان بولسىمۇ ، نوپۇسنىڭ ئېشىش نىسبىتى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرماقتا.
مەملىكەتلىك سەھىيە كومىتېتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ ، 2021-يىلىنىڭ پاسسىپ ئېشىش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى بايان قىلدى.
خىتايدىكى بىر پەرزەنتلىك بولۇش سىياسىتى 1980-يىلى دۆلەتنىڭ رەھبىرى دېڭ شياۋپىڭ تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشىنى چەكلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىنغان.