خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىلى جاڭ جۈن مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھېساپلىنىدۇ.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 8-ئايدىكى رەئىسلىكىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچقان جاڭ مۇنداق دېدى: بۇ خىل زىيارەت خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، شۇنداقلا تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ھەمدە بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بولىدۇ.
پېلوسىنىڭ زىيارىتىنىڭ خىتايغا زور خەتەر ۋە ئىغۋاگەرچىلىك ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ تەدبىر قوللىنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان جاڭ ئامېرىكىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىشقا تەكلىپ قىلدى.
جاڭ يەنە مۇنداق دېدى: تەيۋەن دۆلىتىمنىڭ ھەر قانداق دۆلەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى قىزىل سىزىقى، بىز بۇنىڭغا قەتئىي پوزىتسىيەدە بولۇپ ، ئېلىمىزنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق ئاماللارنى قىلىشقا بەل باغلىدۇق.