خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكىنى ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسى پېلوسىنىڭ تەيۋەنگە قىلغان زىيارىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئارالنى چۆرىدىگەن ھالدا ئېلىپ بارغان مانېۋىرلار بىلەن كۈنسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان كرىزىسنى ئېغىرلاشتۇرىدىغان قەدەملەردىن ساقلىنىشقا ئاگاھلاندۇردى.
«جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى» گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مىنىستىر ۋاڭ كامبودژادا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى- تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى يىغىنىدا قىلغان باياناتىدا ، پېلوسىنىڭ ئارالنى زىيارەت قىلىشىغا يول قويغان ۋاشىنگىتوننىڭ كرىزىس پەيدا قىلغۇچى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بېيجىڭنىڭ زىيارەتكە ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ دەخلى-تەرۇزغا ئۇچرىغانلىقى ۋە ئىچكى ئىشلىرىغا دەخلى-تەرۇز قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋاڭ مۇنداق دېدى: «ئامېرىكىنىڭ ئادەتتىكى تاكتىكىسى ئالدى بىلەن مەسىلە پەيدا قىلىش، ئاندىن ئۇنى ئىشلىتىپ مەقسىتىگە يېتىش. خىتايغا كەلگەندە بۇ ئىشلىمەيدۇ »دېدى.
خىتاينىڭ ئوچۇق-ئاشكارە ھالدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ خەلقئارا قانۇن ۋە ئەمەلىيەتكە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋاڭ: «بىز ئامېرىكىنى ئالدىراپ ھەرىكەت قىلماسلىققا ۋە تېخىمۇ چوڭ كرىزىس پەيدا قىلىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىمىز» دېدى.
ۋاڭ مۇنداق دېدى: مانېۋىر «تەيۋەننىڭ مۇستەقىللىقىنى قوغدايدىغان كۈچلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ۋە جازالاشنى مەقسەت قىلىدۇ».
ئالدىنقى ھەپتە پېلوسى ۋە بەش كىشىلىك قۇرۇلتاي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ زىيارىتى بېيجىڭنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى.