چاقماق خەۋەرخەلقئارا خەۋەرلەر

تەيۋەننىڭ ئېيتىشىچە، ئارال ئەتراپىدا خىتايغا تەۋە 20 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 14 پاراخوت كۆرۈلگەن.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى نەنسىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن، خىتاي قوزغىغان ھەربىي مانېۋىرنىڭ 3-كۈنى شۇ يەر ۋاقتى 17:00 گىچە جەمئىي 20 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 14 پاراخوتنىڭ تەيۋەن ئارىلى ئەتراپىدا كۆرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

مىنىستىرلىق باياناتىدا، خىتاي ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيسىنىڭ ئېلېكترونلۇق ئىز قوغلاش قوراللىرى، چارلاش ئايروپىلانى، پاراخوت ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى بىلەن ئىز قوغلانغانلىقى بايان قىلىندى.

مىنىستىرلىق يەنە، 5-چسلا مانېۋىرنىڭ ئىككىنچى كۈنى خىتاينىڭ جەمئىي 68 ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە 13 ئۇرۇش پاراخوتىنىڭ بايقالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مانېۋىرنىڭ بىرىنچى كۈنى، خىتاينىڭ 22 ئۇرۇش ئايروپىلانىنىڭ تەيۋەن «تېررىتورىيەلىك سۇ» دەپ قارالغان ھاۋا ۋە دېڭىز لىنىيىسىدىن ئۆتكەنلىكى، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئېتىلغان 11 باشقۇرۇلىدىغان بومبىنىڭ بۇ رايونغا چۈشۈپ كەتكەنلىكى ئېلان قىلىدى.

ئەتە چۈشكىچە داۋاملىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بۇ مانېۋىر خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى توقۇنۇشىغا دۇچ كەلگەن ئارال ئەتراپىدا ئەمەلىي قامال پەيدا قىلدى. 6 رايوندا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر سەۋەبىدىن بەزى رايونلاردا پاراخوت ۋە ئايروپىلان قاتنىشى توختىتىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Back to top button