خىتاي بىلەن سۈركىلىشنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان تەيۋەن «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئەسى سىستېمىلىرىنى رېمونت قىلىش ۋە يېڭىلاش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بىلەن كېلىشىم تۈزدى.
تەيۋەن ئاگېنتلىقى (CNA) نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ كېلىشىم، 84 مىليون دوللارلىق «ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى ئۇدا 4 يىل رېمونت قىلىش خىزمىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
«ۋەتەنپەرۋەر» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى يېڭىلاش ئارقىلىقمۇ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنىڭ ئىقتىدارى ۋە بىخەتەرلىكىنى داۋاملىق قوغداش نىشان قىلىنىدىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نۆۋەتتە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى تەيۋەن بىلەن سودا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە تەييارلانماقتا ئىكەن.
ئاق ساراي، بىرقانچە كۈن ئىچىدە بۇ ھەقتىكى پىلانىنى ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ئاق ساراي ھىندى-تېنچ ئوكيان ئىشلىرى ماسلاشتۇرغۇچىسى كۇرت كامپبېل، بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، مۇنداق دېگەن: «بېيجىڭنىڭ تەيۋەننى مۇقىمسىزلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارشى تەيۋەننى قوللاش ئۈچۈن سالماقلىق ۋە قەتئىي ئىرادە بىلەن قەدەم تاشلايمىز.»
«بۇ قەدەملەر دائىرىسىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ئىچىدە <تەيۋەن بوغۇزى> دىن ھاۋا ۋە دېڭىز پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.»
خىتاي بىلەن تەيۋەن ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىش، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى رەئىسى نەنسى پېلوسىنىڭ 2-3-ئاۋغۇست تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىدىن كېيىن تېخىمۇ ئەۋج ئېلىپ كەتكەتنىدى.