ئەبۇزەبى «مۇستەقبەل» تەتقىقات مەركىزى
تەكلىماكان تەشۋىقات گۇرۇپپسى تەرپىدىن تەرجىمە قىلىندى
يېقىنقى ئالاقىلەردە، خىتاي ئامېرىكىنىڭ تاشقى ۋە مۇداپىئە سىياسىتىگە باغلىنىشلىق دۆلەت بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولغان ئىدى. ئەمدىلىكتە، ئۇ يەنە ئامېرىكىنىڭ سايلام مەزگىلىگە مۇناسىۋەتلىك نامزاتلارنىڭ مەيدانى ۋە سايلىغۇچىلارنىڭ ئاۋازىغا ئېرىشىشتىكى تەلىپى شۇنىڭغا ئاساسەن بېكىتىلىدىغان ئىچكى مەسىلىسىگە ئايلاندى. ئامېرىكىدا خىتايغا قارشى قاتتىق پوزىتسىيە ئىپادىلەيدىغان ئېقىمنىڭ ئۆلۈشى ئۆسۈپ، خىتايغا قارشى قاتتىق ئىپادە بىلدۈرۈش كۆپىنچە ئامېرىكىلىقلارنىڭ يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى.
«غالۇپ» ئىنستىتۇتىنىڭ ئۆتكەن يىلى نەۋرۇز (3-ئاي) دا ئېلىپ بارغان راي سىناشقا ئاساسلانغاندا، %67 ئامېرىكىلىقنىڭ خىتايغا قارىتا سەلبىي كۆز قارشى بولۇپ، بۇ 2018-يىلىدىكىگە قارىغاندا %46 ئۆرلىگەن، شۇنىڭدەك «خىتاي ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىنى» دەپ قارايدىغان ئامېرىكىلىقنىڭ نىسبىتى %22 تىن %45 كە ئۆرلىگەن.
ئامېرىكا خەلق رايىنىڭ خىتايغا قارشى يۈزلىشىشتىكى بۇ ئۆزگىرىشىنىڭ بىرقانچە سەۋەبلىرى بار. ئۇلار: سابىق رەئىس باراك ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنىڭ خەتىرى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتى توغرىسىدا زور ئىچكى مۇنازىرىگە سەۋەب بولغان «ئاسىياغا قايتىش» سىياسىتىنى رەسمىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى ۋە ئامېرىكا قوشما شىتاتىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ساھەسىدىكى ئىمكانىيەت ۋە دىققىتىنى ئەڭ زور شەكىلدە ئاسىيا قىتئەسىگە قارىتىشقا تۇتۇش قىلىشى …. قاتارلىقلار.
سابىق رەئىس دونالد تىرامپ دەۋردىكى بېيجىڭغا قارشى ئېغىركى جىددىيچىلىكنىڭ ئېشىشى، ئۇنىڭ دەۋرىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان دۇنيانىڭ، خىتاي بولسا ئا ق ش نىڭ ئاساسلىق رەقىبى دېگەندەك ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستىراتىيگىيەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، «چوڭ كۈچلەرنىڭ رىقابەتلىشىش» سىياسىتىگە قايتىشى، كېيىن كورونا ۋىرۇسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى، ئامېرىكىنىڭ ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىدا خىتاينىڭ مەسئۇلىيىتى بار دەپ قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا قويۇشى…. قاتارلىقلار خىتاينىڭ ئامېرىكا خەلق رايىدىكى ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈردى.
ئەمەلىيەتتە، دېمكۇراتچىلار بىلەن جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىبارەت ئىككى پارتىيىنىڭ «خىتاي ئا ق ش نىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى» دېگەن قاراشقا بىرلىككە كەلگەنلىكى بولۇپ، جۇمھۇرىيەتچىلەر خىتاينىڭ ئىقتىساد ۋە تېخنېكىغا ئالاقىدار تەھدىتىگە مەركەزلەشكەن بولسا، دېمكۇراتچىلار بۇنىڭغا دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئوخشاش قىممەت قاراش مەسىلىلىرىنى قوشىدۇ.
يۇقىرىقى دائىرىدە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن دەرۋازىسى ئارقىلىق خىتايغا قارشى قوزغىغان كېيىنكى جىددىيچىلىكىگە ئالاقىدار كۆرۈنەرلىك سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا بولىدۇ. بۇلار تۆۋەندىكىچە:
- پارلامېنتنىڭ يېرىم مەزگىللىك يېڭى سايلىمىغا تەييارلىق قىلىش:
دىمكۇراتچىلار جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ «دىمكۇراتچىلار خىتايغا كەڭ قورساقلىق قىلدى» دېگەن مەزمۇندىكى ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. كېلىدىغان ئوغلاق (11-ئاي) دىكى سايلامدا ئاۋام ۋە كېڭەش پالاتادىكى كۆپ ئورۇنغا ئىگە دىمكۇراتچىلار پارتىيىسىنىڭ ئەڭ بولمىغاندا ئىككى پالاتانىڭ بىرىنى (ئاۋام پالاتاسى بولۇشى كۈچلۈك) قولدىن بېرىپ قويۇش ئېھتىماللىقىدا، دىمكۇراتچىلار ئاق ساراي ياكى پارلامېنت يېتەكچىلىرى ئارقىلىق ئامېرىكىلىق سايلىغۇچىلاردا «دىمكۇراتچىلار ھەم خىتايغا قارىتا قاتتىق قول مەيداندا ئىكەن» پىكىرنى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن خىتايغا قارشى جىددىيچىلىك پەيدا قىلىشقا تېرىشىدۇ.
بۇ دائىرە، تومۇز (8 – ئاي) نىڭ ئىككىسىدە خىتاي «خەتەرلىك جىددىيچىلىك پەيدا قىلغانلىق، ئوت بىلەن ئويناشقانلىق» دەپ قارىغان، ئامېرىكا تۆۋەن پالاتا رەئىسى نەنسىي پىلوسىنىڭ تەيۋەن زىيارىتى بولدى.
ئەمەلىيەتتە، بۇ زىيارەتكە تۈرتكە بولغان سەۋەبلەرنىڭ بىرى ئىلگىرىكى سايلام سەۋەبلىرىگە باغلىنىشلىق. خۇسۇسەن، پىلوسى تۆۋەن پالاتادىكى ئورۇننىڭ كۆپىنچىسىگە ئېگە دىمكۇراتچىلار مەغلۇپ بولسا پارلامېنتتىكى قوماندانلىق ئورنىنى يوقىتىشقا دۇچ كېلىدۇ. بەلكىم، دىمكۇراتچىلار كۆپ ئورۇننى قولدىن بېرىپ قويغان ئەھۋالدا يۈكلەنگەن مەسئۇلىيەت سەۋەبىدىن سىياسىي پائالىيەتتىن پېنسىيىگە چىقىشقا مەجبۇر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. پىلوسى بۇ زىيارەتتىن چەكلىك نەتىجە قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، پەقەت جۇمھۇرىيەتچىلەردىن 26 ئەتراپىدا پالاتا ئەزاسى ئۇنىڭ تەيۋەنگە بولغان سەپىرىنى قوللاپ ئۇچۇر ئەۋەتتى، بەس.
- بايدىننىڭ قانۇن چىقىرىشى مەزگىلىدىن ئۆتۈۋېلىشىغا ياردەم بىرىش
جو بايدىن ھۆكۈمىتى خىتايغا قارىتا دۈشمەنلىك يۈزلىنىشىنىڭ ئېشىشىدىن پايدىلاندى. خۇسۇسەن، كورونا ۋىرۇسى سەۋەبىدىن خىتايدىن كېلىدىغان تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشىدىن كېيىن، ئۆتكەنكى چىللە (7-ئاي) نىڭ ئاخىرىدا، پارلامېنتقا پارلامېنتتىكى ھەر ئىككى پارتىيىنىڭ كۆپچىلىك ئەزالىرى مۇۋاپىق كۆرگەن قانۇن لايىھىسىنى سۇندى. بۇ لايىھە ئامېرىكىنىڭ ئېلېكترون تاختا ۋە ئۆزەكلەرنى ئۆزىدە ئىشلەپ چىقىرىشتا رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتە ياردەم بېرىدىغان 280 مىليارد دوللارلىق تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاق ساراي ۋە بەش بۇرجەكلىك بىنا ئەمەلدارلىرى – بۇ تۈرنى دۆلەت بىخەتەرلىكى ، خىتاينىڭ بۇ خىل سانائەتتە پەيدا قىلغان رىقابەت تەھدىتى، شۇنداقلا، خەلق تۇرمۇشى ۋە ھەربىي ساھەدە ئىشلىتىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كۆپىنچىسىدە قوللىنىلىدىغان بۇ ئۆزەكنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىشلەپچىقارغۇچىسى ھېسابلىنىدىغان تەيۋەنگە قارىتا ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان تەھدىتىگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش دەپ قارايدۇ.
بۇ قانۇنغا ئاۋاز بېرىش _ دىمكۇراتچى ۋە جۇمھۇرىيەتچى پارتىيىلەر ئارا خىتايغا باغلىنىشلىق بولغانلىقتىن زور بىردەكلىك بارلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەندەك بولدى. (كېڭەش پالاتاسىدا 17 جۇمھۇرىيەتچى دىمكۇراتچىلارغا قوشۇلۇپ 33 گە قارشى 64 كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن، ئاۋام پالاتاسىدا 24 جۇمھۇرىيەتچى دىمكۇراتچىلارغا قوشۇلۇپ 187 گە قارشى 243 كۆپ سانلىق ئاۋاز بىلەن). بۇ ھەم ھەر ئىككى پارتىيىدە «ئېلېكترون تاختا ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئىستراتېگىيىلىك تېخنىكىلارنى ئىمپورت قىلىش كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تەھدىتى نەتىجىسىدە ئۈزۈلۈپ قېلىشى مۇمكىن» دەيدىغان كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ئەنسىرەشنىڭ ئەكس ئېشىشى ھېسابلىنىدۇ.
كېڭەش پالاتادىكى كۆپ ئورۇنغا ئىگە دىمكۇراتچىلاردىن بولغان كاتتا باش چاك شۇمىر بۇ نىشان ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: «ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70—80- يىللىرىدا شىركەتلىرىمىزنىڭ ئۆز ئالدىغا ياخشى تەرىقىدە ئىش ئېلىپ بېرىش ئىمكانىيىتى بار ئىدى. ئەمما 21-ئەسىردە زىچ مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر سەۋەبلىك بىر ياقىدا قېلىشىمىز مۇمكىن. كىم زىيان تارتىدۇ؟ ئامېرىكىلىق ئىشچىلار، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى مونوپوللۇقى ۋە بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىمىز، ئەلۋەتتە».
جۇمھۇرىيەت پارتىيىسىدىن بولغان ئاۋام پالاتا ئەزاسى توم كۆل بۇ قانۇننىڭ خىتاينى قىيىن شارائىتتا قالدۇرۇش، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى-بىخەتەرلىك مەنپەئەتلىرىنى قوغداشتا توغرا يۆنىلىشتە بېسىلغان قەدەم بولىدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ دۈشمەنلىكى كۈنسېرى زىيادىلىشىۋاتقان، خەلقئارا تۈزۈمىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا خەتەرلىك شەكىلدە ئۇرۇنۇۋاتقان بۇ پەيتتە، سانائەتلىرىمىزنى چەتئەل دۈشمەنلىرىدىن قوغدىشىمىز زۆرۈر بولغانلىقتىن، بۇ قانۇن ئا ق ش نىڭ – ئۆزەك سانائىتىگە مەبلەغ سېلىش ۋە بۇ خىلدىكى مۇھىم ئېلېكتر زاپچاسلارنى ئۆزىمىزدە ئىشلەپچىقىرىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئارقىلىق دۇنياۋى رىقابەت ئىقتىدارىنى كۈچلەندۈرىدۇ».
- ئۇكرائىنا تەجرىبىسىنىڭ تەيۋەندە قايتىلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن خىتاينى تىزگىنلەش
روسىيىنىڭ ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشى باشلىنىپ تەخمىنەن ئۈچ ھەپتىدىن كېيىن، 18-نەۋرۇزدا ئامېرىكا پىرىزدنتتى جو بايدىن مەنسەپدېشى شى جىن پىڭ بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، سۆھبەتنىڭ كۆپ قىسمى ئامېرىكىنىڭ « ئۇكرائىنادا يۈز بەرگەن ئىشلار خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارىتا بۇرۇلۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن» دېگەن قورقۇنچىسى بولغانلىقتىن تەيۋەنگە مەركەزلەشتى.
ئامېرىكا تەھلىلىگە ئاساسەن، «ئۇكرائىنا ئۇرۇشنىڭ نەتىجىلىرى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقنى ئازلىتامدۇ ياكى ئاشۇرامدۇ؟» دېگەننى چۆرىدىگەن كۆز قاراشلار خىلمۇ-خىل بولدى. «غەربنىڭ روسقا قارشى جازا ھەققىدە بىرلەشمە ئىتتىپاقى، ئۇكرائىنا قارشىلىقىنىڭ ئۈنۈمى، شۇنداقلا موسكۋانىڭ ئادەم ۋە قورال-جابدۇقتا تارتقان زور ھەجىمدىكى زىيىنى خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھەربىي ئارىلىشىش ئېھتىماللىقىنى توسۇپ قالالىشى مۇمكىن» دەپ قارايدىغانلارمۇ بار.
يەنە باشقا كۆز قاراش بولسا، «روسىيىنىڭ يەر يۈزىدە بەزى ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرۈشى، ئا ق ش ياكى ش ئا ئە ت نىڭ ئوكرائىناغا يېتەرلىك ھەربىي ياردەم بەرمەسلىكى – بېيجىڭنى دۇنيانىڭ دىققىتى ئوكرائىناغا مەركەزلىشىپ قالغان ئەھۋالدا تەيۋەنگە ھۇجۇم قوزغاشقا رىغبەتلەندۈرۈشى مۇمكىن» دەپ قارايدۇ.
بىر تۈكۈم مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرىغا قويغاندەك، خىتاي تەيۋەندىن يىراق ئاراللارنى ئىشغال قىلىش ياكى دېڭىز-ھاۋا چېگرالىرىنى كۈچلۈك شەكىلدە كونترول قىلىش ئارقىلىق تەيۋەننى قورشاش، بۇ ئارقىلىق تەيۋەنگە ئامېرىكا ھەربىي ياردەملىرىنىڭ كېلىشىنى چەكلەش ياكى خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخىل تەرز قىلغانلىق دەپ قاراپ مۇسادىرە قىلىش دېگەندەك باشقا ئۇسۇللارنى تاللاپ تەيۋەنگە ھەربىي جەھەتتىن تولۇق كىرمەسلىك ئېھتىماللىقى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل ئەھۋالدا قورشاۋنى بىكار قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن ئېھتىماللىقى بار ئۇرۇشقا كىرىش، كۈچ ئىشلىتىشنى تاللاش ھەققىدە ئويلىنىشى كېرەك بولىدۇ.
بۇ تاللاش _ « ئامېرىكىنىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە قارشى ئېھتىماللىقى بار ھەرقانداق ھەربىي ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ۋە تەيۋەننى ئاخىرغىچە قوغدايدىغانلىقى» نى ئېنىق ئىپادىلەپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، بېيجىڭ بىلەن سىياسىي جىددىيچىلىككە ئېلىپ باردى. 23-باھاردا پىرزدېنت بايدىننىڭ توكيودا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۆتۈۋېلىش يىغىنىدا قىلغان سۆزلىرى مۇشۇ مەنىدە ئېيتىلغان. ئۇنىڭدىن بىر مۇخبىر: «تەيۋەننى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن ئىشلار شۇنىڭغا ئالاقىدار بولۇپ قالسا، ھەربىي قارىلىشىشقا تەييارمۇ ؟» دەپ سورىغاندا، ئۇ: «ھەئە …. بۇ بىز ۋەدە قىلغان مەجبۇرىيەت» دەپ ئېنىق شەكىلدە جاۋاب بەردى. بۇ بايانات – «ئامېرىكا تەيۋەننى مۇداپىئە قىلامدۇ-قىلمامدۇ؟ ياكى قايسى شارائىتتا مۇداپىئە قىلىدۇ؟» دېگەننى ئېنىق بىلدۈرمىگەن، ئامېرىكىنىڭ «مۈجمەل ئىستراتېگىيە» سىياسىتى دەپ تونۇلغان سىياسىتىدە ئۆزگىرىش بولغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. لېكىن ئامېرىكا خىتاينىڭ تەيۋەن ئەتراپىدا پىلۇسى زىيارىتىدىن كېيىن ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىغا تىپ-تىنچ شەكىلدە مۇئامىلە قىلىپ ئۆزىنىڭ ئەسلى ھالىتىگە قايتتى؟
پىرزدېنت بايدىن تومۇزنىڭ 8-كۈنى مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ئۇلارنىڭ كۈچىنىڭ يېتىشىچە ھەرىكەتلەنگەنلىكىدىن بىئاراملىق ھېس قىلىمەن، لېكىن ئۇلارنى ھازىر قىلىۋاتقىنىدىن كۆپ ئىش قىلالايدۇ دەپ ئويلايمەن». ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مەسئۇللىرىدىن بىرى: «ئامېرىكا ئارمىيىسى كېلەر ھەپتىلەردە تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرىدۇ. رايوندىكى باشقا ئورۇنلاردا دېڭىز سەپىرى مەشغۇلاتىنى ئەركىن داۋاملاشتۇرىدۇ. شېرىكلىرىمىز ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ» دېگەندەكلەرنى تەكىتلىدى.
- سېستىمىلىق جىددىيچىلىك
ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى ھازىرقى جىددىيچىلىكنى- «ھاڭنىڭ گىرۋىكى» گە ئاپىرىش ياكى خىتاي بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشنى نىشان قىلمايدىغان، ئەمما تاشقى سىياسەت ساھەسىدە دېموكراتچىلارغا خىزمەت قىلىدىغان نىشانلارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە خىتاينى تەيۋەن ھەققىدە ھەربىي تەۋەككۈلچىلىك قىلماسلىق ئۈچۈن چەكلەشكە ھەسسە قوشۇش نىشان قىلىنغان «سىستېمىلىق جىددىيچىلىك» دەپ ئاتاش مۇمكىن.