مەنبە: ئانادولو خەۋەر ئاگېنتلىقى
2022-12-16
خىتاي دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن كۈنىگە 10 مىليون تۇڭدىن ئارتۇق خام نېفىت ئىمپورت قىلىدۇ، بۇنىڭ يېرىمى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن كېلىدۇ، ئەلۋەتتە.
يېقىنقى مەزگىللەردە، مەبلەغ سېلىش سىياسەتلىرى ئارقىلىق كۆزگە كۆرۈنگەن خىتاي داۋاملىق دېگۈدەك ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىماقتا.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىكىگە قارشى ئوتتۇرا شەرقتە مەۋجۇت بولۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان خىتاي بۇ رايوندىكى تەسىرىنى ئاشۇرماقتا ئىكەن.
بۇ ئارقا كۆرۈنۈشتە، ئەرەب-خىتاي ، ئەرەپ قولتۇقى-خىتاي ۋە سەئۇدى ئەرەبىستان-خىتاي باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستانغا زىيارەتكە كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ سەئۇدى پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىز، ۋەلىئەھدى مۇھەممەد بىن سالمان، دېڭىز قولتۇقى دۆلەتلىرىنىڭ بەزى رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتە بولدى.
ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى مائارىپ، مەدەنىيەت ۋە ئىلىم-پەن تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، يېقىنقى 17 يىلدا خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارى 10 ھەسسىگە يېقىن ئاشقان. ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى سودا سوممىسى خىتاي-ئەرەب ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 2004-يىلدىكى 36 مىليارد 700 مىليون دوللاردىن يۈكسىلىپ 2021-يىلى 330 مىليارد دوللارغا يەتكەن.
بۇ سان ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىدىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ خىتاينىڭ بارلىق ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بولۇپ، 2005-يىلدىن 2021-يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاينىڭ ئەرەب دۆلەتلىرىگە سالغان مەبلىغى 213 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتكەن.
ئوتتۇرا شەرق تەتقىقات مەركىزى (ORSAM) تەتقىقاتچىسى سېركان چالىشان ئانادولۇ ئاگېنتلىقى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە، خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى توغرىىسىدا توختالدى.
دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ نېفىت ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەت خىتاي ئېنېرگىيە ئىمپورتىنىڭ ئاساسىي مەنبەسى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بولغاچقا، خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى ئىقتىسادىي مەنپەئەتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سېركان چالىشان: «كۈنىگە 10 مىليون تۇڭدىن ئارتۇق خام نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بۇ ئىمپورتنىڭ يېرىمى بىلەن تەمىنلەيدۇ» دېدى.
خىتاينىڭ ئېنېرگىيە ئىھتىياجى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى نېفىت ئىشلەپچىقارغۇچى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ئىھتىياجنى قامداشتىكى ئۈلۈشى-ئوتتۇرا شەرقنى خىتاي ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان ئېنېرگىيە مەنبەسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن سېركان چالىشان: «ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئىمپورتىدىكى مۇھىملىقى-ئوتتۇرا شەرقنى خىتاينىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتىدە پەرىقلىق ئورۇنغا ئىگە قىلدى». دېدى.
سېركان چالىشان مۇنداق دېدى: « 2022-يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا قارايدىغان بولساق، خىتاينىڭ روسىيەدىن ئىمپورت قىلغان خام نېفىتىدە 2022-يىلى بىرىنچى پەسىلگە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەنلەش كۆرۈلگەن. بىراق ئىراق ، ئەرەب بىرلەشمە ئەمىرلىكى، ئومان ۋە كۇۋەيت قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىن قىلىنغان ئىمپورت نىسبىتىدە بولسا كۆرۈنەرلىك ئېشىش كۆرۈلدى».
خىتاينىڭ خام نېفىت ئىمپورتىدا ئوتتۇرا شەرققە تايىنىدىغانلىقى، شۇنداقلا يىللىق تەبىئىي گاز ئىمپورتىنىڭ 120 مىليارد كۇب مېتىردىن ئاشىدىغانلىقىنى بايان قىلغان سېركان چالىشان مۇنداق دېدى: « خىتاي 2019-يىلى قاتاردىن 84 مىليارد كۇب ئەڭ تەبىئىي گاز ئىمپورت قىلدى».
«يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلانغان سەئۇدى ئەرەبىستان روسىيەدىن ئېشىپ كىتىپ، خىتاي بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك سودا مىقدارىنى 2000-يىلدىكى 3 مىليارد دوللاردىن 2020-يىلى 67 مىليارد دوللارغا يەتكۈزدى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سالمان بىن ئابدۇلئەزىزنىڭ 2017-يىلى خىتاي زىيارىتى نەتىجىسىدە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئېلېكتر ئېنېرگىيىسى، قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە ۋە ھىدروگېن شۇنداقلا نېفىت قاتارلىق ساھەلەردە 65 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم ئىمزالاندى».
خىتاي ئىمپورت قىلىدىغان ئېنېرگىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى تەمىنلەيدىغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىراق قاتارلىق ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى ھەمدە خىتاي بۇ دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان ئېنېرگىيەنى يۆتكەيدىغان ئەرەپ قولتۇقى، ھورمۇز بوغۇزى ۋە مالاككا بوغۇزى قاتارلىق لىنىيەلەر خىتاينىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن مۇھىم جۇغراپىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.
« يەر شارى نېفىت ئىستېمالىدا ئەڭ كۆپ ئۈلۈشى بولغان خىتاي ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ھورمۇز بوغۇزىنى قاتناش يولى قىلىپ ئىشلىتىدۇ. خىتاي ھەر يىلى ئىمپورت قىلىدىغان 500 مىليون توننا خام نېفىتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق يۆتكەيدۇ».
چالىشان 2018 – يىلدىكى سانلىق مەلۇماتقا ئاساسەن، «دۇنيادىكى ئۈچتىن بىر قىسىم دېڭىز سودىسى ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلدىغانلىقىنى، بۇ لېنىيە ئارقىلىق كۈنىگە 21 مىليون تۇڭ خام ۋە پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت توشۇلىدىغانلىقى، شۇنداقلا نېفىت سودىسىنىڭ كۈندىلىك قىممىتىنىڭ 1 مىليارد 200 مىليون دوللا بولدىغانلىقىنى» ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇغۇزدىكى نېفىت توشۇش پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش مۇمكىنچىلىكى، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى سىياسىي كۈرەشنىڭ ئەكىس تەسىرى نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئېنېرگىيە ئېھتىياجلىرىدا چەتئەل مەنبەلىرىگە تايىنىدىغان دۆلەتلەرگە ھەم ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.
چالىشان خىتاينىڭ 2017-يىلى جىبۇتىدا چەتئەلدىكى تۇنجى ھەربىي بازىسىنى قۇرغانلىقىنى بايان قىلىپ، بۇنىڭ ئېنېرگىيە لىنىيىسىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھەربىي كۈچنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدىكى قاراشنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
چالىشان مۇنداق دېدى: «پاكىستاندىكى گۋادار پورت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى ھەربىي بازا بولۇپ، جىبۇتىدىكى ھەربىي بازا بىلەن قۇشۇلغاندا، خىتاينىڭ رايونىدىكى بولۇپمۇ، ئەرەپ قولتۇقى ۋە ھورمۇز بوغۇزىدىكى بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ. بۇنى خىتاي ئۆزىنىڭ ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى كۈچىيىۋاتىدۇ دەپ چۈشەنسەكمۇ خاتالاشمايمىز».
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئەرەپ قولتۇقى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ مۇھىملىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇر بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن چالىشان سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «ماي پاراخوتىغا ھۇجۇم قىلىش، ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ۋە ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىدا ئەنگىلىيە نېفىت توشۇش پاراخوتلىرىنى ئىگەللىۋېلىشىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتنى، خىتاي-ئېنېرگىيە ئىمپورت يولى ۋە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىققا كەلتۈردى».
ORSAM تەتقىقاتچىسى سېركان چالىشان يەنە ئامېرىكىنىڭ كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستان، بەھرەيىن، ئوممان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 41 ھەربىي بازىسىنىڭ بارلىقىنى ، قاتارنىڭ ئەل-ئۇدەيد ھاۋا ئارمىيە بازىسىدا تۇرۇشلۇق 11 مىڭ ئەسكەر ۋە خادىمنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.