مەنبە: The Jamestown Foundation
جەمىستوۋن فوندى جەمئىيىتى ۋاشىنگىتوننى ئاساس قىلغان مۇداپىئە سىياسىتى ئاقىللار ئامبىرى بولۇپ، 1984 -يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىدىن قېچىپ چىققانلارنى قوللاش سۇپىسى سۈپىتىدە قۇرۇلغان.
بۇ فوندى جەمىئەت دېققىتىنى ئاساسلىق خىتاي، روسىيە ۋە ياۋرو-ئاسىياغا مەركەزلەشتۈرگەن.
بۇ جەمىئەت 20- يانۋار سۈرىيەدىكى «يۇرتۇغ» نامى بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر تاكتىكا گۇرۇپپىسى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا توغرىسىدا تەھلىل ماقالە ئېلان قىلغان.
تەكلىماكان تەشۋىقات گۇرۇپپىمىز بۇ ماقالىنى تەرجىمە قىلىشنى توغرا تېپىپ قېرىنداشلىمىزغا سۇندۇق.
سۈرىيىدىكى خىتايغا قارشى ئۇيغۇر تاكتىكا گۇرۇپپىسىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
تاكتىكا گۇرۇپپىسى -2017 ۋە -2018 يىللىرى قۇرۇلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا سۈرىيەدە مەلھەمە تاكتىكىسىنىڭ تۇنجى كۆرۈنۈشلىرى ۋە سۈرەتلىرى تارقىلىشى بىلەن باشلانغان. ئۇ يىللاردا، باشقا تاكتىكا گۇرۇپپىلىرى سۈرىيەدە تەرەققى قىلىشقا باشلىغان. ئەمما، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ تور بېكەتلىرى بولمىغانلىقى ھەمدە تەشۋىقات تارقىتىشتىن ساقلانغانلىقى ئۈچۈن، تەھلىلچىلەرنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ساقلىنىپ قالغان. مەلھەمە تاكتىكىسى كەڭ دائىرىلىك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىپ، قورال ۋە مەشىق ۋىدىئولىرىنى تارقىتىش بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ھەربىي ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان باشقا جىھادچىلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت ئېلىپ بارغان.
«salil tariq tactical» ۋە تۈرك تىلىدىكى فۇرسان تاكتىكىسى قاتارلىق بەزى تاكتىكا گۇرۇپپىلىرى ھەيئەتۇتەھرىر شامغا تولۇق ماشلاشقان بولسىمۇ، ئالبانىيە جامائىتىگە تەۋە «ئالبان تاكتىكا گۇرۇپپىسى» غا ئوخشاشلار باشقا جىھادچىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە. يېڭىدىن قۇرۇلغان تاكتىكا گۇرۇپپىسى «مۇھاجىر تاكتىكىسى» مۇ لىۋا مۇھاجىر ۋە ئەنسار ۋە تەۋھىد ۋە جىھاد ئۆزبەك گۇرۇپپىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلمەكتە. قانداقلا بولمىسۇن، يۇرتۇغ تاكتىكىسىنى باشقا تاكتىكىلىق گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا تەھلىل قىلىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى بار دېيىشكە بولىدۇ، چۈنكى ئۇ باشقا گۇرۇپپىلارغا قارىغاندا مۇستەقىل بولۇپ، تەشۋىقاتلىرى بىر قانچە يىل مابەينىدە داۋاملىشىپ، ئاكتىپ ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلمەكتە.
يۇرتۇغ تاكتىكىسى دېگەن نېمە؟
«يۇرتۇغ تاكتىكىسى» ئۇيغۇر جەڭچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، -2018يىلى يۇقىرى ماھارەتلىك ۋە تەربىيەلەنگەن پېشقەدەم جەڭچىلەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان. ئۇلارنىڭ باياناتچىسىنىڭ سۆزىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى ھەربىي بىلىملەردىن مەھرۇم قالدۇرغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەربىي ساھەدە خېلىلا ئارقىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى ئۇيغۇر خەلقىنى توغرا ھەربىي بىلىم بىلەن تەمىنلەش ۋە كەلگۈسىدىكى «شەرقىي تۈركىستان» مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئۇل-ئاساس سېلىشتىن ئىبارەت. بۇ گۇرۇپپا بىلەن تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى (TIP)نىڭ نىشانى ئوخشاشلا «شەرقىي تۈركىستاننى خىتاينىڭ ئىشغالىيىتىدىن قۇتۇلدۇرۇش»تىن ئىبارەت بولسىمۇ، يۇرتۇغ تاكتىكىسىنىڭ باياناتچىسى ئۆزىنىڭ TIP بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى ياكى باغلىنىشىنىڭ يوقلىقىنى، يۇرتۇغ تاكتىكىسىنىڭ پۈتۈنلەي مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇ گۇرۇپپىنىڭ ئىسمى ھەربىي ئاتالغۇنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، «يۇرتۇغ» تۈرك قاراخانىلار خاندانلىقى ئارمىيىسىنىڭ ئالاھىدە ھەربىي قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. باياناتچى يەنە، بۇ گۇرۇپپىنىڭ مەلھەمە تاكتىكىسىدىن ئىلھاملانمىغانلىقىنى، مەشىق لاگېرلىرىغا قاتناشمىغانلىقىنى ۋە ھازىر ئۇلار بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى تەكىتلىدى.
سۈرىيەنىڭ ئىدلىب شەھىرىدە ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يۇرتۇغ تاكتىكا گۇرۇپپىسىنىڭ يەنە «ھەيئەتۇ تەھرىرشام» دىن باشقا تاكتىكا گۇرۇپپىلىرى بىلەنمۇ مۇناسىۋىتى بار. يۇرتۇغ تاكتىكا گۇرۇپپىسى باياناتچىسى، ئەزالىرىنىڭ «ھۆددىگەر» دېگەن تەشەببۇسىنىڭ توغرا ئەمەسلىكىنى، چۈنكى ئۇلار ئىشلىگەن فىلىملەرگە ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمىغانلىقى، شۇنداقلا قىلغان بارلىق ئىشلىرىدىن ھەق ئالمايدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ بارلىق ھەركەتلىرى پەقەت «زېمىنىنى خىتاي ئىشغالچىلىرىدىن ئازاد قىلىش» قا مەركەزلەشكەن.
يۇرتۇغ تاكتىكا تەشۋىقاتى
-2021يىلىدىن باشلاپ، يۇرتۇغ تاكتىكا گۇرۇپپىسى ئۆىنىڭ تەشۋىقاتىنى ئوخشىمىغان ئىجتىمائى ئالاقە ئەپ ۋە تورلىرىدا، شۇنداقلا جەڭ مەيدانلىرىدىمۇ تارقىتىشقا باشلىغان. -2022يىلى، يۇرتۇغ تاكتىكا گۇرۇپپىسى يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى سىن، ئېلان ۋە سۈرەتلەرنى ئېلان قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە «تاپانچا مەشىق كۇرۇسى، يۇقىرى ۋە تۆۋەن ئورۇنلارغا ئوق ئېتىش، نىشانغا زەربە بېرىش سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەشىقى، ئىككى قوراللىق ئېتىش مەشىقى، 50 مېتىردىن70 مېتىرغىچە تاپانچا ئېتىش مەشىقى، كەچلىك ئوق ئېتىش مەشىقى ۋە ياردار ھالەتتە قورال ئىشلىتىش مەشىقى» قاتارلىق 15تىن ئارتۇق سىن-فىلىملەرنى تارقاتقان.
قانداقلا بولمىسۇن، ئالبانىيە تاكتىكىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئېلان قىلىنغان ۋە ئىنگلىزچە تەرجىمە قىلىنغان «كۈندىلىك مەشىق» دەپ ئاتالغان سىن فىلىمى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ مۇھىم سىن بولۇپ، ئۇ ئىدلىبتا سۈرەتكە ئېلىنغان(ھازىرغا قەدەر پەقەت ئىككى سىنلا تېما بىلەن ئېلان قىلىنغان). گۇرۇپپا باشلىقى ۋە تۆت جەڭچىنىڭ ئالدى بىلەن قورال بىخەتەرلىكىنىڭ تۆت ئاساسىي قائىدىسىنى چۈشەندۈرگەنلىكى، ئاندىن ئوخشىمىغان تىپتىكى مەشىق، ئۇسۇل، مەزمۇن ۋە قوراللار كۆرسىتىلگەن.
يۇرتۇغ تاكتىكىسىنىڭ باشقا ئەزالىرى، «ئوق ئېتىش مۇسابىقىسى» ناملىق يەتتە مىنۇتلۇق TIP سىن كۆرۈنۈشىدە چىققان بولۇپ، ئۇلار پەقەت مۇسابىقىدە نازارەتچى بولغان.
يۇرتۇغ تاكتىكا گۇرۇپپىسى يۇقىرىدىكى تەشۋىقاتىدىن باشقا يەنە، 15 پارچە يۇقىرى سۈپەتلىك گرافىكتا لايىھىلەنگەن تور ئېلانى ۋە 80 دىن ئارتۇق سۈرەتنى ئېلان قىلدى. بۇ تەشۋىقاتلار ئۇلارنىڭ ئوخشىمىغان تىپتىكى قوراللار بىلەن تەييارلىق قىلغان، ئۆگەنگەن ۋە مەشىق قىلغان كۆرۈنۈشلىرىنى تەسۋىرلىدى. ئۇنىڭدا يەنە تاكتىكىلىق ھەربىي قورال ۋە ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسەتتى. بۇ ئەزالار ئىشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر «يۇرتۇغ تاكتىكىسى گۇرۇپپىسى»نىڭ توختىماستىن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
خۇلاسە
«يۇرتۇغ تاكتىكا گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى ياخشى تەربىيەلەنگەن، ھەممىدىن مۇھىمى ئىدىيە ۋە دىننىي جەھەتتە ئىنتايىن ئاكتىپ. مەسىلەن، نۇرغۇن سىنئالغۇلاردا ئۇلار دائىم ئاللاھنىڭ رازىلىقى ۋە تۈركىستان ئازادلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدىغانلىقى ۋە قۇربانلىق بېرىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
ئۇلار مۇستەقىل ھەرىكەت قىلغان تەقدىردىمۇ، سۈرىيەدىكى جىھاد مۇھىتىدا ھەرىكەت قىلىش ئارقىلىق، باشقا جىھادى گۇرۇپپىلار بىلەنمۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىۋالالايدۇ. ئەگەر ئۇلار ھەرىكەت كۆرۈنۈشىنى ئۆزگەرتسە، ئۇلارغا ئارقا سەپ تەمىناتى ۋە ياردەملەر كېلىشى مۇمكىن.
بۈگۈن، سۈرىيە «چەتئەل تاكتىكا» ۋە جىھاد گۇرۇپپىلىرىنىڭ «بىخەتەر پاناھگاھى» ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. گەرچە «يۇرتۇغ تاكتىكىسى گۇرۇپپىسى»نىڭ «شەرقىي تۈركىستاننى ئازاد قىلىش» نىشانى بەك غايىۋى كۆرۈنسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ تەشۋىقاتلىرىنىڭ كەڭ تارقىلىشى ئۇيغۇر، باشقا مىللەتتىكى جىھاد قوللىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ جەڭچىلىرى ئارىسىدا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە.