چېخ دۆلەتلىك تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىدارىسى (NUKIB) خەلقلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: خىتاينىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى TikTok قوللىنىشچان پروگراممىسى تېلېفون ۋە باشقا ئۈسكۈنىلەرنى ئوغرىلىقچە تىڭشىيالايدۇ.
چېخ دۆلەتلىك تور ۋە ئۇچۇر بىخەتەرلىك ئىدارىسى TikTok ئىلتىماسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى بولغان خەتەرلەر ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، بۇ ئەپ ئارقىلىق ھالقىلىق ئۇل ئەسلىھە ۋە قوللىنىشچان ئۈسكۈنىلەرنى مەخپى ئاڭلىغىلى بولىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان.
باياناتتا ، بۇ ئەپنىڭ كەڭ خەلق ئاممىسى تەرىپىدىن ئىشلىتىلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئابونتلاردىن بۇ ئەھۋالنى ئويلىشىش تەلەپ قىلىنغان.
يەنە بىر تەرەپتىن ، چېخ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ۋىت راكۇسان، مىنىستىرلىك ئىچىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ ئەپنى يانفون ياكى شۇنىڭغا ئوخشاش ئۈسكۈنىلەردە ئىشلەتمەيدىغانلىقىنى بايان قىلدى.
TikTok ھەققىدىكى بىخەتەرلىك ئەندىشىسى ئىلگىرى ئوخشىمىغان دۆلەتلەردە كۈن تەرتىپىدە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ، ياۋروپا بىرلەشمىسى ئورگانلىرى ۋە كانادادىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى خىزمەتچىلەرنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىشى چەكلەنگەن.
